
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى بۇ يىللىق رامزان مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئۆز خىزمەت بىناسىغا ئېسىپ ئۇيغۇر خەلقنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزىسىدىن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئۆز بىناسىغا ئاسقان ئورگانلار ئاممىۋى جەمئىيەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان.
بۇ نۆۋەت يەنە تۈركىيەنىڭ سامسۇن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز خىزمەت بىناسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئاسقان.
بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئاسقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.
مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ئايلىرىدىن بىرى بولغان رامزان ئېيى بويىچە، دىنىي ئالىملار تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا، سىياسەتچىلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىپتار زىياپەتلىرىدە ئىسلام دۇنياسىدىكى تراگېدىيىلەرنى تىلغا ئالغاندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكتە.
تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھەر ھەپتە دېگۈدەك خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىپتار قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلارلىقى شۇكى، ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان 450 مىڭ ئەتراپىدا ئەزاغا ئىگە تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى بىلەن سامسۇن شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئوخشاش ئىدارە-جەمئىيەتلەر بىناسىنىڭ ئالدىغا تۈركىيە، تۈركمەن ئېلى ۋە پەلەستىن بايراقلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنىڭمۇ ئېسىلغانلىقى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيەلىرىدىن قانال 7 تېلېۋىزىيەسىنىڭ سوھۇرلۇق دىنىي سۆھبەت پروگراممىسىغا چىقىۋاتقان دىنىي ئىلىملەر ئالىمى ئۆمەر دۆڭەل ئەپەندى يىغلاپ تۇرۇپ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلماقتا. داڭلىق دىنىي ئالىم جۈببەلى ئەخمەت موللاممۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلماقتا.
7 قەۋەتلىك تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىناسىغا چوڭ كۆك بايراقنى ئاسقان ئۇيۇشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، بۇ بايرىقىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاسقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: سىزگىمۇ مەلۇم. رامزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن بىرلىكتە ھەم ئىسلام ھەمدە تۈرك دۇنياسىدا ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ زور بىر قىسمى خىتايدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمدىن ئىبارەت. رامزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بېسىمغا ھەتتا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 20-25 كۈندىن بېرى بىنايىمىزغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىقلىق.
ئۇ، بۇ مۇقەددەس رامزان ئېيىدا ئاللاھتىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بالدۇرراق خىتاي زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى بالدۇرراق خىتاي زۇلۇمدىن قۇتۇلار، خىتاي باسقۇنچىلىرىدىن خىتاي بېسىمىدىن قۇتۇلار دەپ ئويلايمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. رامزان ئېيىدا كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم. شەرقىي تۈركىستانلىقلار روزى ھېيتىنى راھەت ئۆتكۈزەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما سىلەر كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، بىز ئاللاھتىن سىلەرنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىڭلارنى تىلەيمىز. بۇ رامزان ئېيىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا يېڭىلىقلار ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمىز.