
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوللاش ئۈچۈن ئىپتار زىياپىتى بەردى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان رامىزان چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئىپتار زىياپىتى بەردى. 9 – ئىيۇل كۈنى كەچتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتكە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى.
زىياپەت باشلىنىش ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي چەكلىمىلەرنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ت كۇمار مۇنداق دېدى: بۇ ئۇلۇغ رامىزان چەكلىگەن بىردىنبىر دۆلەت خىتايدۇر، بۇ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان خەلق ئۇيغۇرلاردۇ. بىزنىڭ مۇنداق بىر كۈندە بۇ ئىپتار پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىز، ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارغا «سىلەر يالغۇز ئەمەس» دېگەن سادانى يەتكۈزۈش.
پائالىيەتكە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ۋە ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ 140 قا يېقىن ئادەم قاتناشتى.
ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا 4 ئائىلە خىتاي يەر ھۆددىگىرى ئۆلتۈرۈلگەن
مۇشۇ ئاينىڭ 9 – كۈنى ئاقسۇ ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا 6 نەپەر خىتاي كۆچمەن بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن، بىر نەپىرى ئېغىر يارىلانغان. ئاقسۇ ج خ ئورگانلىرى چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق 7 نەپەر گۇماندارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار خادىملاردىن ئىگىلىشىچە، يەتتە نەپەر گۇمانداردىن ھازىرغا قەدەر 3ئى تۇتۇلغان، بىرى ئېتىۋېتىلگەن، قالغان ئۈچى ئىزدەلمەكتە.
يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆلتۈرۈلگەن خىتايلار مەزكۇر يېزىغا 2005 – يىلدىن كېيىن ئورۇنلاشقان ۋە پۈتۈن يېزا تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 50 پىرسەنتكە يېقىنراق قىسمىنى ئىگىلىگەن ئاتالمىش خوجايىنلاردىن ئىكەن.
يەمشىدىكى مىس كان دېھقانلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سالماقتا
تۇرپانغا قاراشلىق ئايدىڭكۆل يېزا يەمشى كەنتىدىكى دېھقاننىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، مەزكۇر كەنتتىكى مىس كاندىن چىققان كېرەكسىز گاز ۋە باشقا داشقاللار سۇ ۋە مۇھىتنى بۇلغاپ، ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
يېقىندا يەمشى كەنتىدىكى بىر دېھقان ئايال ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ مىس كاننىڭ مۇھىت بۇلغىشى قىسمەن تۈزىتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىشتىن توختىمىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردا يېزا ئاھالىلىرىدە تۈرلۈك كېسەللىكلەر كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى يازدا بىر قانچە دېھقان رادىئومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ كەنتتە ئېچىلىشقا باشلىغان مىس كاندىن چىققان زەھەرلىك ماددىلارنىڭ مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغاندىن سىرت، كەنتنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگىمۇ زىيان سالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.
ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمى – «ئەي ئانا ۋەتەن! يىراق سۈرگۈنگاھ» نەشر قىلىندى
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان گۇڭگا شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى، ئاتاقلىق شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئەي ئانا ۋەتەن! يىراق سۈرگۈنگاھ» ناملىق ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمى يېقىندا نەشر قىلىنىپ، توردا تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىدىكى «فونېم مېدىئا» نەشرىياتى نەشر قىلغان مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىغا ئاپتورنىڭ يېقىنقى 20 يىللىق ئىجادىيىتىدىكى شېئىرلاردىن تاللانمىلار كىرگۈزۈلگەن.
ئەخمەتجان ئوسمان ۋە ئامېرىكىلىق شائىر جېفرىي ياڭ بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان مەزكۇر شېئىرلار توپلىمى، غەرب دۇنياسىدا نەشر قىلىنغان بىر ئۇيغۇر شائىرنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى بولۇپ قالدى. توپلامغا ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىللىرىدا يازغان ئاز دېگەندە 60 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئامېرىكا – خىتاي ئانتىتېررورلۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان
15 – ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا – خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سۆھبىتى» دە خىتاي تەرەپ ئامېرىكىدىن ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى» نى باستۇرۇشىنى قوللىشى ۋە چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا – خىتاي ئانتىتېررورلۇق ھەمكارلىق ساھەسىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇق ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە پوزىتسىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە پىكىرداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى چۈشىنىش ۋە قوللاش» ھەققىدىكى تەلىپىگە قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنىڭ ئورتاق ئاساسى يوق. چۈنكى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قوللانغان چارە – تەدبىرلىرى ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ھېسابلىنىدىكەن.
گرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مەدەنىيەت بايرىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
گرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مىللىي ئۆرپ – ئادەت، ناخشا – ئۇسۇل بايرىمىغا شۋېتسىيەدىكى «مۇقام گۇرۇپپىسى» ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرگە ۋاكالىتەن قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى.
بۇ خەلقئارالىق مەدەنىيەت كۆرىكى ھەر يىلى بىر دۆلەتنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرامدۇر. مەزكۇر بايرامنىڭ 2014 – يىللىقى گرېتسىيەنىڭ ئەدبىسۇس شەھىرىدە 3 – ئىيۇلدىن 6 – ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ بايرامغا قاتناشقان سازەندىلەر، بۇ نۆۋەتلىك بايرىمىدا ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ياش زاھىردىن تايىرجان مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا مەندىن سورىغانلارغا ئۆزۈمىزنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى، ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەرنىڭ 60 نەچچە يىل بۇرۇن خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئەتراپلىق پاكىتلىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈردۈم.
ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك سەنئەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن «مۇقام گۇرۇپپىسى» 2011 – يىلى شۋېتسىيەدە قۇرۇلغان ئىدى.