
9-ئىيۇل كۈنى كەچتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان رامزان چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئىپتار زىياپىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. زىياپەت باشلىنىش ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات بېرىش يىغىنىدا، مەزكۇر زىياپەتنىڭ شەرەپ مېھمىنى بولغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئىپتارغا ئىشتىراك قىلغان، كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى ھەم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاتتى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسىدا چاقىرىلغان ئىپتار پائالىيىتى 9-ئىيۇل، پەيشەنبە كەچ سائەت ۋاشىنگتون ۋاقتى 7:30دا باشلاندى. پائالىيەتكە 140 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىپتاردىن بۇرۇن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بېرىش ۋە سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پائالىيەت باش ساھىبخانا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى ت. كۇمار ئەپەندىنىڭ، بۇ ئىپتار پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ئۇلارغا غا «سىلەر يالغۇز ئەمەس» دېگەن سىگنالنى يەتكۈزۈش شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىملىرىنى توختىتىشقا چاقىرىش يۈزىسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلاندى.
سورۇننىڭ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە خانىم،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامزاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكىدەك ئۇلۇغ رامزان كۈنلىرىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن قىسقىچە دوكلاتى بۇ ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقان مېھمانلاردا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىدى، مۇخبىرلار ۋە ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ رابىيە خانىمدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئائىت تۈرلۈك سوئاللارنى سوراشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەنقىد قىلدى.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىگە قارىتا ئىنكاسىنىڭ، كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىدەك مەسىلە پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدا ئورتاق قىزىقىش ۋە تەئەججۈپ قوزغىغان نۇقتا بولدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرى «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىگە قارىتا ئىسلام دۇنياسى ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرماسلىقىدىكى، دۆلەتلەردە يېتەرلىك دىققەت قوزغىيالمايۋاتقانلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟» دەپ سوئال سورىدى. رابىيە خانىمنىڭ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-ئەلۋەتتە بىزگە ياردەم قىلىۋاتقان قوللاۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ بار، يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، ھەتتا نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەر مېنى چېگرىدىن كىرگۈزمەيدۇ، ھازىر ئاساسەن ئامېرىكانى ئاساس قىلغان غەربتىكى دۆلەتلەر مەسىلىمىزگە بەكرەك كۆڭۈل بولۇۋاتىدۇ، ئارىلىشىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي ئىقتىسادىي تەرەپتىن يۈكسىلىپ خالىغىنىنى قىلىدىغان باسقۇچقا كەلدى، ئەگەر پۈتۈن دۆلەتلەر ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنىڭ ئورنىغا قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرالىغان بولسا، يەنى مەسىلىمىزگە قاتتىق ئارىلاشقان بولسا خىتايمۇ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىزگە بۇ قەدەر قاتتىق زوراۋانلىق قىلالمىغان بولاتتى.
ئاخىرىدا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۆزىنى بېرما روخانگا مۇسۇلمانلىرى بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى دەپ تونۇشتۇرغان دوكتور رىكارىدىن ئەپەندى، «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلاردىن 56 ئەزاسى بولغان دۇنيا مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيىنىڭ خەۋىرى بارمۇ-يوق؟ ئەگەر خەۋىرى بار بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇلار بۇ مەسىلىگە ئارىلاشمايۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدى.
رابىيە خانىم جاۋابەن «رەھمەت، يەنە بىر دوستىمىز كۆپەيگەنلىكىدىن خوش بولدۇم، روخانگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئېچىنىمەن، ئەھۋالىمىزنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرىنىمۇ بىلىمەن. لېكىن ئىسلام دۇنياسى بىزنىڭ مەسىلىمىزگە روخانگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىگە ئىگە چىققاندەك چىقمىدى، دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيىغا مەسىلىمىزنى ئاڭلىتىپ كەلدۇق، ھەتتا قۇرۇلتاينىڭ باش سېكرېتارى، ئەكمەلىدىن ئېھسان ئوغلى بىلەنمۇ بىر قانچە قېتىم كۆرۈشتۇق، ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى توختىتىشى ھەققىدىكى تەكلىپىگە ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئىمزا ئېتىشقا ئۇنتۇمىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن خىتايغا يامان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما بۇ تەشكىلات بىز توغرىلىق خىتايغا باياناتلارنى بەردى، سۆھبەت ئېلان قىلدى.
شىئەلەر ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار مەزھەپ جەھەتتىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئاز سانلىقلار ھېسابلانغاچقا شۇنداق دىققەت قوزغىيالمايۋاتامدۇ؟ قوللاشقا ئېرىشەلمەيۋاتامدۇ؟» دەپ سورىدى. رابىيە خانىم قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ: «بىز ئاز سانلىق ئەمەس،شەرقىي تۈركىستاندا 20 مىليون مۇسۇلمان بار،قانداق مەزھەپ بولۇشتىن قەتئىي نەزەر بىرى بىرىنى قىرىۋاتقاندا ئۆز ئارا ياردەم قىلىشى كېرەك دەپ ئۈمىد قىلىمىز، خىتاي بىر مەزھەپنى ئەمەس ھەر قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىمۇ ئوخشاش باستۇرۇۋاتىدۇ،بۇ يەردىكى مەسىلە مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئوخشىمايدۇ،بىزنىڭ مەسىلىمىز بولسا بىر دىكتاتور ھۆكۈمەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ دىنىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى مەجبۇرىي يوقىتىش ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش، خىتاي بىزنى دىنسىزلىققا مەجبۇرلاۋاتىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى.
مېھمانلار ئىچىدىن دەسلەپ سۆزگە تۇرغان ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پاكىستان خرىستىئانلار كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ دىرېكتورى سامسون سالامات ئەپەندى، ئۆزىنىڭ پاكستاندەك مۇسۇلمان دۆلەتتىكى خرىستىئانلارنىڭ ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان بىر تەشكىلات يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەقلىق كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا خىتايغا رەسمىي ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىدىن بىر پاكىستانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن نومۇس ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
سامسون سالامات زىياپەت ئاخىرىدا يەنە ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىلىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بۇنىڭدىن بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىمىز ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمىز، تەشكىلاتىمىز بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ ئېنىق ئىپادە قىلدۈردۇق. چۈنكى بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزدا ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياشاش ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك ھەر قانداق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇنى قوغدىشى زۆرۈر ئىدى ئەپسۇس، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىر مۇسۇلمانلار دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پاسسىپ مەيدان تۇتۇۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر ئىنكاس قايتۇرغىنىنى ئاڭلىمىدىم، ئەسلىدە دىپلوماتىيە سەۋىيىسىدە خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ت.كۇمار ئەپەندىمۇ پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىپ «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلە دىنىي مەسىلىلا ئەمەس، بۇ بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئەپسۇس ھەيران قالارلىقى نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەتتا ئىسلام ئەللىرىمۇ بۇ ھەقسىزلىققە قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۇنياسىغا دەيدىغىنىم، ئەگەر ئىسلام دۇنياسى ئۆزىنى بىر ئائىلە دەپ قارىسا بۇ ئائىلىگە ئىگە چىقىشى، ئۇنى قوغداشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۆز ئائىلىڭىزنى قوغداشقا ھەرىكەت قىلمىسىڭىز باشقا ھېچكىم سىز بىلەن بىر تەرەپتە تۇرمايدۇ، ئائىلىڭىزگە ساداقەت بولمىسىڭىز، ھېچكىم سىزگە ھۆرمەت قىلمايدۇ، شۇڭا مەن ئىسلام ئەللىرىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، خىتايغا قارشى رەسمىي ئىپادە بىلدۈرۈش ئارقىلىق بولسىمۇ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمەن» دېدى.
ئىپتار پائالىيىتىگە 140 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. دوكلات ۋە ئىپتار پائالىيىتى ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى، رابىيە خانىم ساھبخان ۋە مېھمانلارغا بۇ ئىپتارلىق پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر بىلدۈردى.