Xelqara-kechurum-teshkilati-iptar-ramizan-uyghur.jpgخەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوللاش ئۈچۈن بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى ۋە سۆز قىلدى. 2014-يىلى 9-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان رامىزان چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئىپتار زىياپىتى بەردى. 9-ئىيۇل كۈنى كەچتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىگە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ت. كۇمار باشچىلىقىدا ھەرقايسى باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقى تەنقىد قىلىندى.

ت كۇمار مۇنداق دېدى: بۇ ئۇلۇغ رامىزان چەكلەنگەن بىردىنبىر دۆلەت خىتايدۇر، بۇ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان خەلق ئۇيغۇرلاردۇ. بىزنىڭ مۇنداق بىر كۈندە بۇ ئىپتار پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىز، ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارغا «سىلەر يالغۇز ئەمەس» دېگەن سادانى يەتكۈزۈش.

پائالىيەتكە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ۋە ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ 140 قا يېقىن ئادەم قاتناشتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ھازىر خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېرىيىنى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى. ئۇلار باياناتىدا نوختىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «مىنىستىر جون كېرىي بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتتە بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. خىتايدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلىرىنى زىيارەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇنداق چەكلىمىلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىدەك خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويىدۇ» دېگەن.