2014.07.09

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كەررى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگى ئۈچۈن بېيجىڭدا بولۇۋاتقان كۈنلەردە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇنىڭدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم.

بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خۇددى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگقا ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئىككىلەمچى ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

باياناتتا يەنە جون كەررىنىڭ خىتاي سەپىرى داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا ئېغىر چەكلىمە قويۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا يەنە جون كەررىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر مەسچىتنى زىيارەت قىلىپ كۆرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى بۈگۈن كەچقۇرۇن ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقا ئۇيغۇر روزىدارلارغا ئىپتار زىياپىتى بېرىدىكەن. بۇ جەرياندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسىدىكى مەسئۇل خادىملار رابىيە قادىر خانىم بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرى توغرىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. سۆھبەتتە يەنە تۇتقۇندىكى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.