
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون، سان فرانسىسكودا نامايىش
2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى 5-ئىيۇلدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابى بېرىشكە چاقىردى.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم نامايىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقنى باستۇرۇشنى توختىتىشنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ تىنچ ياشىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز.
بۇ خىلدىكى نامايىش يەنە كالىفورنىيەنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشمۇ مەزكۇر شەھەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى مەزكۇر نامايىشنىڭ 5-ئىيۇل قۇربانلىرىنى ئەسلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىلدى
6-ئاينىڭ 27-كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا ئۇيغۇر قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، فرانسىيىدىكى سىياسىيونلار ۋە فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
يىغىندا فرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاندېر گانتتولىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلغان.
رابىيە قادىر خانىم بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسى، باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
رامىزان ئۇيغۇر ئېلىدا چەكلەنگەن، ئەمما سەددىچىننىڭ ئىچىدە قويۇپ بېرىلگەن
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۈتىشى چەكلەنگەن مەزگىلدە خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە رامىزانلىق بىكارلىق تاماق تارتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ ئاشخانىسى كۈندە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق غىزا تەييارلاپ بەرگەن. بەزى مەكتەپلەردە ھەتتا روزا تۇتقۇچىلارنى مەكتەپ ئاشخانىسى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلىگەن.
ئۇ، زىيارىتىمىز جەريانىدا شاڭخەي ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردا روزا تۇتىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا جامائەت ئىلھام توختى مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف «خاففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى ئىلھام توختى مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
ئىلھام توختى خىتاينىڭ قانۇنى يول قويغان ئاساستا ئۇيغۇرلارغا ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىدى.
ئۇ بۇ يىل 15-يانۋار بېجىڭدىكى تۇرالغۇسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. يېقىنى خەۋەرلەردە ئۇنىڭ «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن مەخپىي سوتلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
1-مارت كۈنمىڭ ھۇجۇمچىلىرىدىن يەنە تۆت نەپىرىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلاندى
1-مارت كۈنمىڭ ھۇجۇمچىلىرىدىن يەنە تۆت نەپىرىنىڭ ئىسىملىرى ئاشكارىلاندى. خىتاي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 30-ئىيۇندىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، بۇلار ئىسكەندەر ئەخەت، تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەت ۋە پاتىگۈل توختى.
بۇلاردىن ئالدىنقى ئۈچ نەپىرى «تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قۇرۇش، يېتەكلەش ۋە پىلانلاش جىنايىتى» بىلەن، پاتىگۈل توختى «تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتنىشىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەن.
خىتاي دائىرىلىرى 30 غا يېقىن كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 140 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا رامىزان چەكلەندى
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى پۈتۈن رايون مىقياسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىدى.
چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ ۋە ئىدارە جەمئىيەتلەر ئۆز تور بەتلىرىگە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇش، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىن ئۇيغۇر ئېلىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلغا بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىنى بولىدىكەن.