
2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايدىن 5-ئىيۇلدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابى بېرىشكە چاقىردى.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.
نامايىشقا ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپتىكى شتاتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
بۇ خىلدىكى نامايىش يەنە كالىفورنىيەنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشمۇ مەزكۇر شەھەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى ئوبۇلقاسىم ئەپەندىم مەزكۇر نامايىشنىڭ 5-ئىيۇل قۇربانلىرىنى ئەسلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.