ekmeleddin-ihsanoghlu-rabiye.JPGتۈركىيە دۆلەت رەئىسى نامزاتى ئەكمەلىددىن ئىھسانوغلۇ ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

تۈركىيەدە دۆلەت رەئىسىنى تۇنجى قېتىم خەلق سايلىماقچى. بۇ سايلامغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىسلام كونفېرەنسىيەسى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باشلىقى پروفېسسور ئەكمەلىددىن ئىھسانوغلۇ، خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسى باش سېكرېتارى دېمىرتاش قاتارلىق كىشىلەر نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا 3 نامزاتتىن ئەڭ كۆپ راي ئالغان بىرى تۈركىيەنىڭ 12-قېتىملىق دۆلەت رەئىسى بولۇپ ھاكىمىيەتكە چىقىدۇ.

تۈركىيەنىڭ سايلام قانۇنى بويىچە بۇرۇن دۆلەت رەئىسىنى پارلامېنت ئەزالىرى سايلايتتى، يېقىندا تۈركىيەنىڭ سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت رەئىسىنى خەلق سايلايدىغان بولدى.

مەزكۇر 3 نامزاتنىڭ ئىچىدە پروفېسسور ئەكمەلىددىن ئىھسانوغلۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردىن بىرى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانسا ئۇيغۇرلارغا نېمە پايدىسى بولار. بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشتىن بۇرۇن پروفېسسور ئەكمەلىددىن ئىھسانوغلۇ ئەپەندىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى.

پروفېسسور دوكتور ئەكمەلىددىن ئىھسانوغلۇ 1943-يىلى مىسىردا دۇنياغا كەلگەن. بىلىم تارىخى پروفېسسورى، يازغۇچى ۋە دىپلومات. تۈرك مەدەنىيىتى، ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت تېمىلاردا كۆپ تىلدا نەشر قىلىنغان كۆپ ساندا ئەسەرلىرى بار. ئۇ، 2004-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ تەشكىلات بولغان ئىسلام كونفېرەنسىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكى ۋەزىپىسى ئۆتىدى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە تەشكىلاتى نامىدىن خىتاينى ئەيىبلىدى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى جىددىگە تەكلىپ قىلىپ ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدى. ئۇ، ئىسلام كونفېرەنسىيەسى تەشكىلاتىغا مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات تەييارلاتقۇزۇپ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەردىن بىرى. ئۇ، ۋاشىنگتونغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بۇ كىشى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەكمەلىددىن ئىھسانوغلۇ بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇچرىشىشتا ئەكمەلىددىن ئىھسانوغلۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا قىممەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ، ئەكمەلىددىن ئىھسانوغلۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ھەر دائىم قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى دېدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئەكمەلىددىن ئىھسانوغلۇنىڭ ئىسلام كونفېرەنسىيەسى تەشكىلاتى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا ماتېرىيال تەلەپ قىلغانلىقىنى، مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى كۆرۈنۈش ۋە رەسىملەرنى كۆرۈپ، يىغلاپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن داۋاملىق ھالدا ئىسلام كونفېرەنسىيەسى تەشكىلاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ دېگەنلىكىنى، ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن تۈپەيلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.