
6-ئاينىڭ 27-كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، تىبەت ۋە موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. يىغىندا فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاندېر گانتتولىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، فىرانسىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت، باش كاتىپى فرانسوس ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلغان. رابىيە قادىر خانىم بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاندېر گانتتولىن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتايدا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ پەقەت ئاسىيانىڭ تىنچلىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن دۇنيا تىنچلىقىغىمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ چەتئەلدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، فىرانسىيە دۆلىتىنىڭ ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشىنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەممەيلەن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.