erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە ئىككى قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم

تۇتقۇندىكى ئۆكتىچى زات ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە ئىككى قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى ۋە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە جۈدەپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئۆزىگە بېرىلگەن تاماقتا چوشقا مېيىنىڭ پۇرىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ تاماق يېيىشنى رەت قىلىپ، مۇسۇلمانچە تاماق بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئاچلىق ئېلان قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. بۇ 10 كۈن داۋام قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسى» يۈز بەرگەن كۈنىدىن باشلاپ تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭغا سۇ ۋە تاماق بېرىشنى توختاتقان. ئۇ بىر ئىستاكان سۇ بىلەن بىرقانچە كۈنگىچە بەرداشلىق بەرگەن.

ئىلھام توختى بۇ يىل 15-يانۋاردا بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ 26-ئىيۇنغىچە ئۇنىڭ ئادۋوكات ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمىغان ئىدى.

د ئو ق نىڭ جەنۋەدىكى پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، د ئۇ ق جەنۋەدە ئېلىپ بارغان 6 كۈنلۈك پائالىيەت غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.

ئۆتكەن ھەپتە رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، ئۆلۈم جازالىرى ۋە قانۇنسىز تۇرۇپ تۇرۇش قاتارلىقلارنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۆۋەت جەنۋەدە د ئو ق مەسئۇللىرىنى ئۆزلىرى ئىزدەپ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ئورگان ۋە تەشكىلاتلار سانى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان.

رابىيە خانىم بۇنىڭمۇ بىر نەتىجە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

خوتەندىكى ئۇيغۇر تېۋىپلىرى كاپالەتنامە يېزىشقا مەجبۇرلانغان

خوتەندىكى ئۇيغۇر تېۋىپلىرى كەسپىي ئىمتىھاننى خىتاي تىلىدا بېرىشكە ۋە بۇنىڭغا ئەرز-شىكايىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ كاپالەتنامە يېزىشقا مەجبۇرلانغان.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر تېۋىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئەگەر تېۋىپلار كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنى خىتايچە بېرىپ، ئەرز قىلماسلىققا قوشۇلسا ئۇلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

شۇنىڭ بىلەن خوتەندىكى ئۇيغۇر تېۋىپلار «ئىمتىھاننى خىتايچە بەرسەك ئەرز-شىكايىتىمىز يوق» دېگەن مەزمۇندىكى كاپالەتنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

ئالدىنقى يىلى خوتەندىكى بۇ ئاتا مىراس تېۋىپلار سەۋىيە ئىمتىھانى خىتايچە ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ۋە ئۆز ئالدىغا دوختۇرخانا ئېچىپ، كېسەل كۆرۈشكە ئامالسىز قالغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز سۇنغان ئىدى.

ھالبۇكى، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ئەرزىنى تىڭشاشنىڭ ئورنىغا، بۇ يىل يەنە ئۇلارنى ئىمتىھاننى خىتايچە بېرىشكە قىستىغان.

بىر ئۇيغۇر ياش ئىككى خىتاي ساقچىسىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن

ئاشكارىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى بىر ئۇيغۇر ياش ئىككى خىتاي ساقچىسىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆزىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن.

ۋەقە مەكىتنىڭ قۇمقۇسار يېزىسىدا يۈز بەرگەن. قۇمقۇسارنىڭ 6-كەنتىدىن بولغان گۇماندار قەيسەر قۇربان، شۇ كۈنى كېچىدە تۈرمىدە ئىقرار قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆيىگە يالاپ ئەكېلىنگەن.

ساقچىلار، ئۇنىڭ قولىدىكى كويزىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنى ئاتالمىش ھۇجۇم ئەسۋابلىرىنى تېپىشقا سالغان.

بۇ جەرياندا قەيسەر 50 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر خەنجەرنى ئېلىپ ئىككى نەپەر ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ چاغدا ھويلىدىكى خىتاي ساقچىلار ئوق چىقىرىپ قەيسەر قۇرباننى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن. ساقچىلاردىن بىرى نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا ئۆلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 5 ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق ماڭلاي يېزىسىدا 5 ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئۇچۇر خوتەن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇق» ھەققىدىكى ئاممىۋى ئۆگىنىش ماتېرىيالىدا ئاشكارىلانغان. ماتېرىيالدا ئۆتكەن جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتى تىلغا ئېلىنمىغان.

رادىئومىز خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق ماڭلاي يېزىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇمنى يەكشەنبە كۈنى خەۋەر قىلغان.

كەنت باشلىقى ئاتاۋۇللا قاسىم، ‏20-ئىيۇن كۈنى ماڭلاي يېزىسىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 2 ساقچىنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 3 ساقچىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يەكەندە بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي ساقچىدىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىرىنى يارىلاندۇرغان

يەكەن ئىشقۇل ساقچىخانىسىدا بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي ساقچىدىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىرىنى يارىلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىشقۇل يېزىسىنىڭ قاراقۇم كەنتىدىكى 22 ياشلىق بىر گۇماندار، مۇشۇ ئاينىڭ 21‏-كۈنى ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنغان. سوراقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن گۇماندار ساقچىخانىدىن چىقىش ئالدىدا يېنىدىكى پىچاقنى چىقىرىپ، ساقچى خادىمى تاۋ يۈەنجىڭ بىلەن ساقچىخانا باشلىقى دىڭ فېڭغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا تاۋ يۈەنجىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەن ۋە دىڭ فېڭ ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.

گۇماندارنىڭ 22 ياشلىق ئۇيغۇر ياش ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ كىملىكى ۋە كېيىنكى ئەھۋالى نامەلۇم.