
د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئوتتۇرىغا قويدى
19-ئىيۇن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم جىددىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىنغا قاتناشقان د ئو ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا، خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازالىرى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىدا يەنە ئىلھام توختى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق خىتاي تۈرمىسىدە قانىسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت يىغىنغا ياندىشىپ تىبەت تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان يەنە بىر يىغىندا سۆز قىلغان رابىيە قادىر خانىم خىتاي ئەلچىخانىسى ۋەكىللىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىغا قارشى قويغان پىكىرلىرىنى رەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىماس بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتىسىگە كۈچلۈك رەۋىشتە رەددىيە بەرگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختىنىڭ مەخپىي سوتلانغانلىقىدىن چۆچىدى
ئىلھام توختىنىڭ مەخپىي سوتلانغانلىق خەۋىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى چۆچۈتۈۋەتتى.
بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خەۋەردىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «ئىلھام توختىنىڭ مەخپىي سوتلىنىپ، ئېغىر جازاغا بۇيرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىكتۇق» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى دوكتور سوفىي رېچاردسون، ئىلھام توختىنىڭ سىرت بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى ۋە شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئىپادىسى كىشىنى پەۋقۇلئاددە ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۈشەنبە كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئۇنىڭ بىڭتۇەن سوتىدا مەخپىي سوتلانغانلىق ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان. ھالبۇكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنى تېخى دەلىللىمىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۈرۈمچى ليۇداۋان تۈرمىسىدە
ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ۋە تونۇلغان تور يازغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۈرۈمچى ليۇداۋان تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
دائىرىلەر ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىككى سەپدىشى تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئايدىن ئاشقىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.
يېقىندا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئادۋوكات ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ليۇداۋان تۈرمىسىگە قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن يەنىلا يۈزتۇرانە كۆرۈشەلمىگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق تەپتىشنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئەيىبنامىسىدىن خەۋەر تاپقان.
ئەيىبنامىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ، دىليار ئوبۇل ۋە مۇھەممەتسىدىق ئۈچەيلەننىڭ «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر ئەيىبنامىدىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ليۇداۋان تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ بۇ تەخمىننى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇست تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
خوتەندە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ ئۆلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى
خوتەننىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.
مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى خوتەننىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدا بومبا ياساش گۇمانى بىلەن قورشاۋغا ئېلىنغان گۇماندارلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 3 كىشى ئۆلگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەدە ئۆلگەن 3 نەپەر گۇمانداردىن ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلى بىلەن قاھار ھېمىت قاراقاش ناھىيىسىدىن ئىكەن.
ئۇلار خوتەن يېڭىئاۋاتتا يەر ھۆددىگە ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قورشاۋغا ئېلىنغان.
«ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى قازاقىستان كوماندىسى ئۇتتى
2-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدە قازاقىستان كوماندىسى چېمپىيون بولدى.
مۇسابىقىدە يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچى، گېرمانىيە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى ئۈچىنچى بولدى.
مۇسابىقە 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىگە ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلار پۇتبول كوماندىسى قاتناشتى.
مەزكۇر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 1-نۆۋەتلىكى 2011-يىلى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
تيەنئەنمېن ھۇجۇمىغا چېتىشلىق 3 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن
16-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېن ھۇجۇمىغا چېتىشلىق دەپ قارالغان 3 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت تيەنئەنمېن ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان 8 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھۈسەنجان ھوشۇر، يۈسۈپ ئۆمەرنىياز ۋە يۈسۈپ ئەخمەت قاتارلىق ئۈچ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى، گۈلنار توختىنىيازغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، قالغان 4 كىشىگە 5 يىلدىن 20 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.
بۇلتۇر 28-ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىنى زىلزىلىگە سالغان.
ۋەقەدە ئوسمان ھەسەن ئەر-ئايال ۋە ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 39 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 5 ئۇيغۇرنى تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.