
دۇنيا پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنى ھاياجانغا سالىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 2-نۆۋەتلىك «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىمۇ تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە غەلىبىلىك ئۆتتى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىشى مۇسابىقىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، قەيسىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ساھىبخانىلىقى، قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن قوللاپ، بارلىق زۆرۈر ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىشى ئارقىلىق ياردەم كۆرسىتىشى، تۈركىيەدىكى پۇتبول جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى، خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئىلگىرى قېتىمدىنمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە ئۆتكۈزۈلدى.
جەنۋەدە 26-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ دۇنياۋى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە رادىئومىزغا، مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىدە كۈچ چىقارغان بارلىق قوللىغۇچى، قاتناشقۇچىلارغا چوڭقۇر سالام ۋە تەشەككۈرىنى يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى.
6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 2-نۆۋەتلىك «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ 9 پۇتبول كوماندىسى قاتناشتى، مۇسابىقىدە قازاقىستان ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى غەلىبە قوچۇپ چېمپىيون بولدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچىلىكنى، گېرمانىيە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىپ تەشكىللىگەن «ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى»نىڭ ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىكى ئوخشاشلا ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا يۈكسەك قىزىقىش قوزغىدى. پائالىيەت جەريانىدا قازاقىستاندىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان «نۇر توپى» ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكا ئۆمىكى جۇشقۇن ۋە ياڭراق ناخشا، مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر پۇتبول ئەزىمەتلىرىگە ئىلھام بېرىپ، مۇسابىقە قاتناشچىلىرىنى ھاياجانغا چۆمدۈرگېن.
ئۇيغۇر ياشلىرى ئەركىنلىك لوڭقىسىنىڭ 2011-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىكى ئامېرىكا، بېلگىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق 7 دۆلەتتىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن گوللاندىيەدە ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر ۋە قىزىقىش پەيدا قىلغان ئىدى. قەيسىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك بۇ مۇسابىقىمۇ ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ھەمدە زور قىزىقىش پەيدا قىلغان، تېخىمۇ كۆپ كوماندا ۋە كىشىنىڭ قاتناشچىلىقىدا يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق، ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولغان. بولۇپمۇ، بۇ نۆۋەت تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇر كوماندىلىرىنىڭمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن، مۇسابىقە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە قىزىش پەيدا قىلغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە، بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مەزكۇر مۇسابىقە ئەھۋاللىرى ھەققىدە تۇشمۇ-تۇشتىن سۈرەتلىك خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرەلمىگەن ئۇيغۇرلار يانفون ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قەيسىرىدىكى مۇسابىقە ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرغان. مەزكۇر پۇتبول پائالىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق تارقىتىلغان.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇتبول ھەرىكىتى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىلىرى كۆزەتكۈچىلەردە قىزىقىش قوزغىماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە پۇتبول ھەرىكىتى، چەتئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى تىكلىشى ۋە شۇ كىملىك ئاستىدا بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
جەنۋەدە مۇھىم يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى ۋە پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىرى ھەم ئۇنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ «ئۇيغۇرلاردىكى پۇتبول روھى-ئەركىنلىك روھى» دەپ بىلدۈردى ھەمدە بۇ پۇتبول مۇسابىقىسىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مۇسابىقە ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە بۇ مۇسابىقىدىن، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىكى پۇتبول ھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقتىن، بۇ خىلدىكى مۇسابىقىلەرنى ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۈزۈلدۈرمەي ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بارلىق پۇتبول ئەزىمەتلىرىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا، ئانىلىرىغا، ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلغان قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋە پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بارلىق تەشكىلات ۋە ئۇيغۇرلارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە چوڭقۇر سالام يوللىدى.