2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى «ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىدە قازاقىستان ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى بىرىنچى، قىرغىزىستان ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچى، گېرمانىيە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى ئۈچىنچى بولدى.
6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىگە ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ 9 ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول كوماندىسى قاتنىشىپ، 4 كۈن، ئىككى گۇرۇپپا بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ باردى. مۇسابىقە نەتىجىسىدە قازاقىستان ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى قىرغىزىستاننى 2-0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى.
پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرىدا يېپىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا قەيسەرى ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەر جان ۋە سېيىت تۈمتۈرك قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك نۇتقىدا دۇنيا ئۇيغۇر رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقى بىلەن پۈتۈن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ياشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە، مەزكۇر پۇتبول پائالىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق تارقىتىلغانلىقى، پائالىيەت جەريانىدا قازاقىستاندىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان «نۇر توپى» ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ 2 سورۇندا ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-مۇزىكىلارنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلغان قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە، قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ۋە كېچە-كۈندۈز ھارماي-تالماي خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلارغا رەھمەت ئېيتتى.
مەزكۇر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2011-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىكى ئامېرىكا، بېلگىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق 7 دۆلەتتىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن گوللاندىيەدە ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر ۋە قىزىقىش پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغىمۇ قىزىقىش ناھايىتى يۇقىرى بولدى.