rabiye-qadir-BDT-soz-qilmaqta-305.jpgب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى. 2011-يىلى 30-نويابىر، شۋېتسارىيە.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 26-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنى شىۋېتسارىيىگە يېتىپ كەلدى ۋە جەنۋەدىكى بىر ھەپتىلىك يىغىن ھەمدە مۇھىم ئۇچرىشىش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئاڭلىتىش توغرىسىدىكى پىلان ۋە پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بۇ نۆۋەتلىك ئىنسان ھوقۇقلىرى يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ قانلىق باستۇرۇۋاتقان 20 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيىسىدىكى قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشقا خەلقئارادىن ياردەم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.