2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن رەسمىي باشلاندى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن 9 دۆلەتتىن كەلگەن پۇتبولچىلار ئۆزلىرى كەلگەن دۆلەتنىڭ بايرىقىنى كۆتەرگەن ھالدا پاراتتىن ئۆتتى.
مۇراسىم تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل تانېر ئەپەندى، بۇ مۇسابىقىغا زور ياردەم قىلغان قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈرمتۈرك ئەپەندى، ئەسقەر جان ئەپەندى، 9 دۆلەتتىن كەلگەن پۇتبولچىلار ۋە تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل تامېر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 13 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرغان قەيسەرىگە كېلىپ، پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنى تونۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تىنچلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئارقىدىن بۇ مۇسابىقىگە زور ياردەم قىلغان قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەنتەربىيەگە مەسۇل مۇئاۋىن باشلىقى ئالى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا تەنتەربىيەنىڭ بولۇپمۇ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رېئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، رابىيە قادىر خانىم نامىدىن شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلار نامىدىن مەزكۇر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلغان قەيسەرى شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئۆزھاسەكى ئەپەندىگە رەخمەت ئېيتتى.
2 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرى پۇبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەيداندا تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزيەسى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىپ تارقاتماقتا.
2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ئىككى گۇرۇپپا بويىچە 4 كۈن داۋاملاشماقچى.