
10 – ئىيۇندا ئالماتا ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ خاتىرە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئېلىدا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ھەم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇش ۋە جازالاش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە قۇربان بولغانلارغا بېغىشلاندى.
ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ھەم ئۇلارنىڭ كېلىپ – چىقىش سەۋەبلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ھەمدە بەزى مەملىكەتلەر ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ شۇنداقلا رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش يۆنىلىشىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى ئورنى ھەمدە ئۆزىنىڭ يېقىندا رابىيە قادىرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قىلغان سەپىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ق. غوجامبەردى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مىللىي مائارىپنى ساقلاپ قېلىش ۋە مەملىكەتتىكى مەۋجۇت شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلانغان ھالدا، مائارىپ ئارقىلىق مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىشنىڭ باش ۋەزىپە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىر مالىك سادىروف مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈنكى يىغىندىن ئۈچ خۇلاسە چىقاردىم: بىرىنچىسى، قەھرىمان غوجامبەردى توغرىلىق، ئىككىنچىسى، ۋەتەندىكى زۇلۇملار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زومىگەرلىكى توغرىلىق، ئۈچىنچىسى، مىللىي لىدېرىمىز ۋە ئانىمىز رابىيە قادىرنىڭ كىملىكى توغرىلىق.»
سۆزگە چىققان «جېلتوقسان» ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى خاسېن قوجاخمېت تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بىرلىكىنى، ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېلەچەكتە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتلىرى رابىك ئىسمايىلوف ۋە دىلىنۇر قاسىموۋا، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورۇنباسارى ئاسىيەم تۇردىيېۋا ھەم ئۇنىڭ ئەزاسى خەيرىنسا مەسىموۋالار بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بولۇپمۇ رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكى يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرىنى ھەرتەرەپلىمە قوللىدى. ئۇلار رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن – بىر مىللىي لىدېرى ئېكەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان خەلقئارادا تونۇلغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
م. سادىروف رابىيە قادىر ھەققىدە مۇنداق دېدى: «رابىيە قادىر ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان ئايال. مەن رابىيە قادىر توغرىلىق «ئازادلىق جەڭچىسى ياكى ئەژدىھاغا سانچىلغان نەيزە» دەپ داستان يازدىم. بۇ كىتابتا رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ئەكس ئېتىلىدۇ.»