
رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار گوللاندىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى
6-ئاينىڭ 9-كۈنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار گوللاندىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.
ئۇچرىشىشلاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قېيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت، رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەش بىلەن بىرگە مەزكۇر پائالىيەتكە كۈچ چىقارغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىلھام بەردى
6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكىدىكى يۇقىرى تېخنىكا ئورگانلىرى ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋىرگىنىيە شتاتىدا ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆز نەتىجىلىرىنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشتى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىلھام بەردى.
ئۇچرىشىشقا بىئولوگىيە ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئىنژېنېرى ئەركىن سىدىق باشچىلىقىدىكى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدىكى نەتىجىسى بىلەن «2014 يىللىق تەسىرى ئەڭ زور 10 ئالىم» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ئىدى.
ئۇچرىشىشتا يەنە، دورا تەتقىقاتچىسى دوكتور رىشات ئابباس، ماتېماتىكا پروفېسسورى دوكتور تاش پولات روزى، پۇل-مۇئامىلە مەسلىھەتچىسى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر، پروفېسسور دوكتور رەيھان بەكتۇر ۋە شېۋرون شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئۆزلەشتۈرۈش يېتەكچىسى شاكىر شەمسى قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
گوللاندىيەدە خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىلدى
10-ئىيۇن گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى دەنھاخ شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى رەئىسى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر نامايىش د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نامايىشچىلار خىتاي باش ئەلچىسىگە بىر پارچە تەلەپنامە سۇنغان.
تەلەپنامىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ناھەق تۇتۇلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاتالمىش ئەيىبنامىلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىش، ھۆكۈمگە بۇيرۇلغانلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە بارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
د ئۇ ق 10-ئىيۇن يەنە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
مەكىت ناھىيىسىدە 33 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
10-ئىيۇن مەكىت ناھىيىسىدە ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلىپ 33 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىغا 5000 كىشى يىغىپ كېلىنگەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ساقچى ۋە ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئوچۇق مەيدان سوتىدا ئابابەكرى ھاجى، مەمەت ساۋۇر، تونىسا مەمەت قاتارلىق 8 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە 25 گۇماندارنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
بىر كەنت باشلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىم سوتلانغانلارنىڭ بىر قىسمى بۇرۇن گۇمان بىلەن تۇتۇلغان ئەمما، گۇناھسىز، دەپ قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىكەن.
مەھكۇملارنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرى ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن ئەڭ چوڭ پاكىت ئۇلار ساقلىغان ياكى كۆرگەن ئاتالمىش قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ئىكەن.
لەڭگەر يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى
قەشقەر كوناشەھەرنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 5 كىشى ئۆلگەن، ئىككى كىشى يارىلانغان.
ۋەقە مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزا سەلەيچوڭ كەنتىدە ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان كەنت كادىرلىرى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئۆي ئىگىسى ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتىن كېيىن يۈز بەرگەن.
توقۇنۇشقا ساقچىلار قوراللىق ئارىلىشىپ، ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 5 كىشى ئۆلگەن ۋە ئىككى كىشى يارىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگۈچىلەردىن بىر نەپىرى ساقچى خادىمى، يارىلانغان ئىككىسى كەنت كادىرى ئىكەن. گۇماندارلاردىن ئىككىسى نەق مەيداندا، بىرى قېچىپ كېتىۋاتقاندا ئېتىۋېتىلگەن يەنە بىرى دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قانلىق ۋەقەگە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆيدىكى پەرەنجىلىك ئايالنىڭ يۈزىنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەب بولغان.
خىتايدىكى كىملىك تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئۇيغۇرلارنى كۆرسە سايراپ كېتىدۇ
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى سۈركەلگەن ھامان جىددىي سىگنال بېرىدىغان ئاپتوماتىك كىملىك تەكشۈرۈش سىستېمىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
تىبەتتە ئۇزۇن يىل سودا قىلىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ رادىئومىزغا ئېيتىشىچە، بۇ خىلدىكى ئالاھىدە كىملىك تەكشۈرۈش ماشىنىسى يېقىندىن بۇيان لاسا شەھىرىگە كىرىدىغان يول ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئىشلىتىلىشكە باشلانغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەرقانداق ئۇيغۇر كىملىكىنى بۇ خىل ماشىنىغا سۈركىگەن ھامان يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال قايتۇرۇپ ساقچىلارنى جىددىيلەشتۈرىدىكەن.
شۇ سەۋەبتىن ھازىر تىبەتنىڭ لاسا ۋە باشقا ۋىلايەتلىرىدە سودا قىلىدىغان ئۇيغۇرلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان.
ئۇلارنىڭ تىبەتنىڭ ھەرقانداق يېرىدە مەلۇم يەرلىك كىشىنىڭ ياكى ئىدارىنىڭ كاپالىتىسىز مېھمانخانىلاردا يېتىشى ۋە سودا-تىجارەت قىلىشى بىراقلا قىيىنلاشقان.