
2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى «ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە باشقا ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياش ئۇيغۇر پۇتبول ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىللەنگەن كوماندىلار مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە قاراپ يول ئالماقتا.
ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر ياشلارنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر بىرلىكى پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر بۈگۈن، يەنى 11-ئىيۇن، ھاياجان، تولۇپ تاشقان كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن تەڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خەيرلىك تىلەكلىرىنى بىرگە ئېلىپ، قەيسەرىگە قاراپ يولغا چىقتى.
ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسىنىڭ باشلىقى ۋە بىر قىسىم ئەزالىرى سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، غەلىبە قۇچۇشقا بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسىنى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشىغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر ئاڭلايسىلەر :
پۇتبول ھەرىكىتى ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە تەنھەرىكەت تۈرى، گەرچە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكىدەك كەسىپلەشكەن كوماندىلىرى، ياپ-يېشىل چىملىق مەشىق مەيدانلىرى بولمىسىمۇ، كىچىكىدىن ناچار شارائىتتا يالاڭاياغ ھالدا توپىلىق مەيدانلاردا پۇتبول ئويناپ چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدىن ئاجايىپ زەپەرلەر قۇچقان تالانتلىق پەخىرلىك پۇتبول ئەزىمەتلىرى يېتىشىپ چىقماقتا. مىليونلارچە سادىق ھەۋەسكار مەدەتكارلىرى بار،
ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق قىزغىنلىقى ۋە ئەنئەنىسىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىق، ئىجتىھات، شۇنداقلا ھەۋەس دۇنيادا پۇتبول مىللىتى ياكى پۇتبول دۆلىتى ئاتالغانلاردىن قېلىشمايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىگە بولغان قىزىقىش مەيلى ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن ئوخشاش داۋام ئېتىدۇ. ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قوللىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2011-يىلى يازدا دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى «ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش» مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكىنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزگەن ئىدى.
بۇ مۇسابىقە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قانچە ئەللەردىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھاياجانلىق ۋە ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بۇ دۇنياۋى دوستلۇق مۇسابىقىسى، ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا زور ھاياجان ۋە ئىلھام بەخش ئەتكەن ئىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بۇ مۇسابىقىنىڭ-2 نۆۋەتلىكىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە.
2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى «ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش» مۇسابىقىسى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 18-كۈنىگە قەدەر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئامېرىكا، بېلگىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 9 دۆلەتتىن ئۇيغۇر ياش پۇتبول ئەزىمەتلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرى بولۇپ،200دىن كۆپرەك كىشى قاتناشماقچى.
ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر ياش پۇتبول ھەۋەسكارلىرىدىن 2005-يىلى تەشكىللەنگەن ئامېرىكا «ئۇيغۇر بىرلىكى» پۇتبول كوماندىسى، قۇرۇلغاندىن بۇيان قۇرۇلما ۋە كۈچ ھەم تېخنىكا جەھەتتە بارغانچە مۇكەممەللىشىپ باردى، بولۇپمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى كەسپىي كوماندىسىنىڭ داڭلىق پۇتبول ئەزىمەتلىرىدىن پۇتبول ترېنىرى جۈرئەت زاھىر ئەپەندىنىڭ، كوماندىغا خالىس ھالدا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان ئىككى يىلدىن بۇيان، كەسپىي تەلەپ بويىچە مۇنتىزىم مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، كوماندىنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىدە تېز يۈكسىلىش بولدى، كوماندا ئەزالىرى ئاساسەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىزمەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بولسىمۇ ئۇلار بەش ئالتە ئايدىن بۇيان مۇنتىزىم ھالدا قەرەللىك مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.
مانا ئەمدى بۇ كوماندىنىڭ مەشقاۋۇل، باشلامچى ۋە ئەزالىرى بولۇپ 18 كىشى بۈگۈن، يەنى 11-ئىيۇن، ۋاشىنگتوندىن تولۇپ تاشقان ھاياجان بىلەن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. سەپەر ئالدىدا ئايروپورتتا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر بىرلىكى»پۇتبول كوماندىسىنىڭ باشچىسى ئەرەفات ۋە كوماندا ئەزالىرىدىن شىرئەلى ھەمدە فارۇقلار، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قارىغاندا، تېخىمۇ پۇختا تەييارلىق ۋە جۇشقۇن روھ شۇنداقلا زور ئىشەنچ بىلەن ئاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بولۇپمۇ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن قايتا جەم بولۇش تەقەززاسىدا ھاياجانلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەزىمەتلەر سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا پۇتبول كوماندىسىغا ئىزچىل مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان، ئىقتىسادىي ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللاپ ياردىمىنى ئايىماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈردى ۋە «ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن يېشىل مەيداندا زەپەر قۇچۇشقا بار جاسارىتىمىزنى كۆرسىتىمىز!» دېدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىدىكى ئەزىمەتلىرى سەپىرىڭلار خەيرلىك بولسۇن ! يېشىل مەيداندا ئامەت يار بولغاي!