turkiye-uyghur-erkinlink-longqisi.jpg«ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ۋارىقى

ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياردىمى، قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ ياردىمى بىلەن، 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى «ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈپ قالدى.

6 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقىگە ئامېرىكا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياش – ئۆسمۈرلەر قاتناشماقچى.

2013 – يىلى 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىدا، ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 2 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش قارارى ئېلىنىپ، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئەسقەرجان، سېيىت تۈمتۈرك، ئۈمىد ئاگاھى ۋە غەييۇر ئەپەندىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقە تەييارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ئىدى. سېيىت تۈمتۈرك ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەرنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا تەنتەربىيە زالى، پۇتبول مەيدانى ۋە ئۇيغۇر ياشلار تۇرىدىغان مېھمانخانىلار بېكىتىلىپ بولغان بولۇپ تەييارلىق خىزمىتى ئاساسەن ئاياقلاشقان.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە ئامېرىكا، بېلگىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 9 دۆلەتتىن 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش، 50 ئەتراپىدا مېھمان بولۇپ جەمئىي 200 ئەتراپىدا كىشى سىرىتتىن قاتنىشىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندى لوڭقا، سوغاتلىق بويۇملارنىمۇ ياسىتىپ بولغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2011 – يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 1 – نۆۋەتلىكى ئامېرىكا، بېلگىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق 7 دۆلەتتىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر ۋە قىزىقىش پەيدا قىلغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى تارىختا ئەراتىنا ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلغان يەر بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا بىردىن – بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى بار شەھەر. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ يەردە جەم بولۇشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.