urumqi-poyiz-istansa-partilash-weqesi.jpgئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن كېيىنكى نەق مەيدان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 30-ئاپرېل.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قانلىق ۋەقەلەرنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا يۈزگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇشۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. رابىيە خانىم سۆزىدە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا پىكىر بايان قىلىش جەھەتتە ھېچقانداق قانۇنىي يول قالدۇرمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەۋەبى نېمە بولسا بولسۇن، كىشىلەر زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك دېدى.

رابىيە خانىم يەنە، ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىنى خەۋەر قىلغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنى، شۇنىڭدىن بىر يېرىم كۈن ئاۋۋال كۇچا ئالىقاغىدا يۈز بەرگەن نامايىشچىلارنىڭ ئوققا تۇتۇلۇش پاجىئەسىنىمۇ خەۋەر قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

رابىيە خانىم مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر بىلەن مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتى داۋامىدا دۇنيا جامائىتىنى ھەق – ناھەق مەسىلىلىرىدە زالىمنىڭ ئەمەس، مەزلۇمنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

سوئال: ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پوزىتسىيەسى نېمە؟

جاۋاب: كىم تەرىپىدىن، قەيەردە ئېلىپ بېرىلسا بېرىلسۇن، قانلىق بىر ۋەقە بىز – دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋەقەلەردىن ئەمەس، شۇڭا بىز ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسىگە ھېسداشلىق بىلدۈرىمىز. بىزنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىدىغىنىمىز، بۇ ۋەقەلەر تامامەن ساقلانغىلى بولىدىغان، ئالدىنى ئالغىنى بولىدىغان ۋەقەلەر ئىدى، ئەمما ئالدى ئېلىنمىدىلا ئەمەس، بەلكى رايوندا مۇشۇ خىل ۋەقەلەرنى كۈشكۈرتىدىغان، ئەۋج ئالدۇرىدىغان چاقىرىقلار، سىياسەتلەر ۋە ئىجرائاتلار رايوندا يىلمۇ – يىل، ئايمۇ – ئاي كۆپىيىپ ماڭدى. بىز ئۆتكەن ۋەقەلەردىن ساۋاق ئالمىغان، ۋەقەنىڭ يىلتىزىغا كوز يۇمۇپ، خاتالىقنىڭ ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بۇ تۈر ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارايمىز ۋە ئۇنى ۋەقەدە ئۆلگەن – يارىلانغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىمىز.

سوئال: رايوننىڭ مۇقىملىق ھەققىدىكى چاقىرىق ۋە سەپەرۋەرلىكلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ، بۇ تۈر ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئېنىق، ئەمما يەنىلا بۇ تۈر ۋەقەلەردىن ساقلىنالماسلىقىدا ھالقىلىق سەۋەب نېمە؟

جاۋاب: سەۋەب مەسىلىنىڭ يىلتىزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. ۋەقەنىڭ يىلتىزى ناھايىتى ئېنىق: ئەگەر كۆپ مىللەت ياشاۋاتقان بىر رايوندا ھۆكۈمەت بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىككىنچى بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلسا، ئىككى مىللەت ئارىسىدا توقۇنۇش چىقسا، بىر مىللەتنى بېسىپ ئىككىنچى بىر مىللەتنى قانات ئاستىغا ئالسا، رايوندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتنىڭ دەرت – شىكايەتلىرىگە قۇلاق سالمىسا، ھەتتا ئۇلارنىڭ شىكايەت قىلىشىغا ھېچقانداق بىر قانۇنىي يول قالدۇرۇلمىسا، بۇ خىل ۋەزىيەتتە ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولسۇن، ئۇ ئىنسانلار قايسى دىن، قايسى ئىرق، قايسى مەدەنىيەتكە تەۋە بولسا بولسۇن، ئۇ جايدا ئۆز نارازىلىقىنى غەيرىي نورمال يوللار بىلەن، جۈملىدىن زوراۋانلىق يولى بىلەن ئىپادىلەيدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنىڭ مانا بۇ تەرىپىنى كۆرەلمىگىدەك دەرىجىدە ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ قۇدرىتىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ غەرب ئەللىرىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىماقچى، ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ قوشنا ئەللىرى بىلەن بولغان تېررىتورىيە مەسىلىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ ئاۋۋال مانا مۇشۇ خاتالىقىنى تونۇشقا، مىللىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ يالغۇز قورال كۈچىگە تايىنىپ ھەل بولمايدىغانلىنى ئېتىراپ قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.

سوئال:دېگىنىڭىزدەك، خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا قارىساق، خىتاي ئۆزىنىڭ رايوندىكى قاتتىق قول سىياسىتىنى، دۆلەت مەنپەئەتى دېگەن نام ئاستىدا خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، سىز بۇ تەشۋىقاتقا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: خىتاي ھوكۇمىتىنىڭ «دۆلەت مەنپەئەتى»، «دۆلەتنىڭ پۇتۇنلۈكى» دېگەنلىرى قانداقتۇر خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققان چاقىرىق ۋە ئىجرائاتلىرى ئەمەس؛ ھەممىگە مەلۇم خىتاي ھوكۇمىتى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئورنى دۇنيانىڭ بۇگۇنكى سىياسىي ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىچە ئېيتقاندا قانۇنىي ئەمەس؛ خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ دەل مۇشۇ ئاجىزلىقىنى يېپىش، ئۇنتۇلدۇرۇش يەنى خىتاي خەلقىنى ئالداش ئۈچۈن، مىللەتچىلىك شۇئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ؛ خىتاي خەلقى بۇنىڭغا ئالدانماسلىقى كېرەك؛ شۇنداق، خىتاي خەلقىغە ئىقتىسادىي مەنپەئەت كېرەك، ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ھاياتىي بىخەتەرلىك ۋە ئىنسانىي قەدىر قىممەت كېرەك. كەلگۈسى ئەۋلادلىرىغا ئۆچ – ئاداۋەتكە تولغان بىر جەمئىيەتنى مىراس قالدۇرۇش ھەم مىللىتىگە، ھەم دۇنيا تىنچلىقىغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يېقىنقى ۋەقەلەرنى نەزەردە تۇتساقمۇ، مەيلى قانلىق باستۇرۇش بولسۇن، مەيلى ئۇنىغا قارشى قانلىق ئىسيان بولسۇن، بۇ ھەر ئىككسىدە زىيان تارتىۋاتقىنى ئۇيغۇر ۋە خىتاي خەلقىدۇر، پايدا ئېلىۋاتقىنى بولسا، ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىدا ھوقۇق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئەمەلدارلاردۇر، ئۇلار مۇشۇ ۋەقەلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىمەكتە ياكى ئۆستۈرمەكتە ۋە ياكى دۆلەتتىن ئالىدىغان خىراجىتىنى ئاشۇرماقتا.

سوئال: ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارنى يېتەرلىك دەپ ۋە ئىشەنچلىك دەپ قارامسىز؟

جاۋاب: ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدىكى مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس، ئەمما مەن ئۇچۇن بۇنىڭدىنمۇ موھىمى، ۋەقەنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ۋەزىيەت – مەنبە ھەققىدىكى مەلۇماتلار؛ مەن بۇ نۇقتىدا خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرىنىمۇ ئىنساپ ۋە ئادالەتكە چاقىرىمەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقەنى كېچىكتۇرمەي خەۋەر قىلدى، قارشى ئالىمەن، ئەمما بۇ چاققانلىقىنى بۇ ۋەقەدىن بىر يېرىم كۇن يەنى 39 سائەت ئاۋۋال كۇچادا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە كۆرسەتمىدى؛ شۇ كۈنكى ۋەقەدە خىتاي ساقچىلىرى، نامايىشچى ئاممىغا ئوق چىقىرىپ، ئىككى نەپىرىنى ئۆلتۈرگەن، 3 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان ۋە 100 نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى؛ مەن خىتاي مەتبۇئاتلىرىنى مانا مۇشۇ پۇرسەتتە كۇچادا ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن دىنىي چەكلىمىگە قارشى نامايىش ۋە ئۇنى قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىنىمۇ ئېنىقلاشقا ۋە ئاشكارىلاشقا چاقىرىمەن.جان ھەممە مىللەت ئۈچۈن ئەزىز، خاتىرجەملىك ھەممە مىللەت ئۈچۈن زۆرۈر.

سوئال: سىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ياكى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن بېسىشى كېرەك بولغان كۆپ – كۆپ قەدەملەر بار، بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشنىڭ ۋاقتى ئەمەس، ۋەزىيەتتىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالدى بىلەن مىللەتلەرئارا ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتىدىغان شۇئار – چاقىرىقلىرىنى توختىتىشى كېرەك، ئايرىم شەخسلەرنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋاباتى، قولۇم – قوشنىلىرى ھەتتا پۈتۈن مىللەتنى جازالايدىغان ئۇ ئەنئەنىۋىي تەدبىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ۋەقەنىڭ توغرا ۋە تەرەپسىز خەۋەر قىلىنىشىغا يول قويۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاش مەيدانى بىلەن تارقىتىلغان بارلىق ئۇچۇرلار رايوندا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدۇ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرگە يول ئاچىدۇ. ۋەقەگە ئالاقىدار گۇماندارلارنى تۇتۇش، سوتلاش جەريانلىرى ئاخباراتقا ئوچۇق بولۇش بىلەن بىللە، خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، يەنى خىتاي بىر قانۇن دۆلىتىگە خاس تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغان ھامان ۋەزىيەتتىكى جىددىيچىلىك پەسىيىشى مۇمكىن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، رابىيە خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا بەرگەن باياناتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ۋەقەنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەزىيەتنىمۇ كۆزىتىشكە چاقىردى. ئۇ يەنە دۇنيا جامائىتىنى ھەق – ناھەق مەسىلىلىرىدە زالىمنىڭ يېنىدا ئەمەس مەزلۇمنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.