
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە جامائىتىنىڭ سالىمى ۋە تىلەكلىرىنى ئېلىپ، ۋاشىنگتونغا مەخسۇس زىيارەتكە كەلگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالاھىدە ۋەكىلى قەھرىمان غۇجامبەردى ئەپەندى ۋە ئالماتادىكى پائالىيەتچان ئۇيغۇر زاتلاردىن تۇرسۇنھاجى ئەپەندىلەر، 19-ماي ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا زىيارەتتە بولدى.
ئۇلار رادىئو دولقۇنلىرىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ئىچى ھەم سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ چوڭقۇر سالىمىنى يەتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلدى شۇنداقلا قازاقىستاندىكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ رادىئومىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ۋە قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى يەتكۈزدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىستانسىمىزدا بۇ قەدىرلىك مېھمانلار بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە بىرلىكتە ئىشتىراك قىلايلى.