
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىغا قاراتقان بېسىمنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ سۆزلەر دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرىنى باھالاش كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «خىتايدىكى مۇقىملىق-تىيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن ئېلىنغان ساۋاقلار ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا تىيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت، خىتايدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ۋە خەۋپسىزلىكىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىلىرى، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشتى. ئۇلار تىيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن ئۆتكەن بۇ 25 يىل مابەينىدە خىتايدا نېمە ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ياكى بەرمىگەنلىكى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى قاتارلىق كەڭ تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ باردى.
يىغىننىڭ بىرىنچى قىسمىدا دوكلات بېرىپ ئۆتكەن بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جوسېف فېۋسىمىس، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىڭ ئوقۇتقۇچىسى شياۋچىياڭ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى فرانك ۋولف قاتارلىق سۆز قىلغۇچىلار خىتايدا تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىنكى 25 يىل مابەينىدە ئىقتىساد، مائارىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتە يۇقىرىدىكىدەك تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۇلار خىتايدا ھېلىھەم دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھېچقانداق بىر ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىيەنئەنمېن ۋەقەسىنى قانلىق بىر شەكىلدە باستۇرغاندىن كېيىن بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، قانداق قىلغاندا پۇقرالارنى كونترول قىلىش، قانداق قىلىپ بۇ خىلدىكى زور ۋەقەلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇپ قېلىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى بۇ كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بارلىق ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقرالار ئۈستىدىكى قامالنى ئىلگىرىكى ھېچقانداق بىر رەھبەر قىلىپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچەيتكەنلىكىدەك بىر نۇقتىدا ئورتاقلاشتى.
كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شياۋچىياڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمنى ئاشۇرغانسېرى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭمۇ ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توردىكى ئىنكاسلاردىن، پۇقرالار بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشلاردىن ۋە بارغانسېرى زوراۋان تۈس ئېلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە خىتايدا 25 يىلنىڭياقى يۈز بەرگەن بىردىن-بىر ئۆزگىرىشنىڭ تور دۇنياسىدا شەكىللىنىۋاتقان ئۆكتىچىلىك ئىكەنلىكىنى، ھازىر پۇقرالارنىڭ تور ئارقىلىق ئىلگىرى ئۆزلىرى كۆرۈپ بولالمىغان نۇرغۇن ئادالەتسىزلىكلەر، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكى ۋە باشقا نۇرغۇن تەڭسىزلىكلەردىن تور ئارقىلىق خەۋەردار بولۇشقا مۇيەسسەر بولغانلىقىنى، شۇڭا تور دۇنياسىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىدىيىسىدە زور ئۆزگىرىش ياساۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى فرانك ۋولف بولسا سۆزىدە ئاساسلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە شۇنداقلا غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا ئىشلىتىۋاتقان بېسىمىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىدەك مەسىلە ئۈستىدە توختالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىۋاتقان، دىنى ئەركىنلىك چەكلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى دېموكراتلار، مەيلى جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسۇن، ھېچبىر پارتىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى بولغان ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش مەسىلىسىدە خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا، ئۆكتىچىلەرگە، دىنغا ئىشەنگۈچىلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغاندا رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە يىغىلىش، تەشكىللىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا. ئۇلار مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىماقتا. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى 7-8 يىلدىن بېرى ھېلىھەم ھەقسىز يەرگە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇ تۈرمىدە ئۆلەرمەن ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇلدى، ئەمما ھېچكىمنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ» دېدى.
فرانك ۋولف سۆزى داۋامىدا ئامېرىكا ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ تىبەتتىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنى توسۇش، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەر ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، ئامېرىكا پەن-تېخنىكىسىغا قارىتىۋاتقان جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى، ئىنتېرنېت تور ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
يىغىن داۋامىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى ۋە چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈستىدىكى كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇلار، تيەنئەنمىن ۋەقەسى بولۇپ ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىچە ئۆكتىچى پىكىرلەرنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارغا قۇلاق بېرىدىغان بىر ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈپ بولالمىغانلىقى، ئەكسىچە بۇ يىللار مابەينىدە ئۆكتىچى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش، ئۇچۇرنى قامال قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ بۇ جەھەتتە ئىلگىرىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنى بېسىپ چۈشكەنلىكىنى قەيت قىلىشتى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى سىياسىتى ۋە بۇ يەردە مەيدانغا كېلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىققا كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ۋەقەسى، دەپ قارىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەسلىدە 25 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ياخشىلانغان بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمما رېئاللىقىنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى داۋاملىق كۆزىتىشى ۋە بۇ جەھەتتىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇشنى داۋام قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچۇرنى قامال قىلىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەزگۈر ئۇچۇرلارنى بولۇپمۇ تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە ئوخشاش زور ۋەقەلەر، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنى قاتتىق قامال قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، غايىبلار مەسىلىسى، قېيىن-قىستاققا ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋە بۇ رايونلارغا كىرىپ بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش، سۆزلىشىشنى قامال قىلغانلىقتىن مۇستەقىل ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇنازىرىدە داۋامىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چېگرىىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دېلفىن ھالگېند شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئۇچۇر ۋە خەۋەر تارقاتقۇچىلار، ئاخباراتچىلارغا قاراتقان چەكلىمىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى، ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تۈرمە ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى مۇخبىرلار ياكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئۆزى خالىمايدىغان تېمىلاردا خەۋەر يېزىشتىن چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىنتېرنېت يازغۇچىسى ئىلھام توختىنىڭمۇ تۈرمىدە يېتىۋاتقان 34 نەپەر ئىنتېرنېت يازغۇچىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. دېلفىن خانىم سۆزى داۋامىدا شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن بارلىق كۈچىنى ئاخبارات-ئۇچۇرنى قامال قىلىشقا قارىتىشىنىڭ خىتايدا دېموكراتىيىلىشىشى مەسىلىسىدىكى ئىنتايىن خەتەرلىك بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر بىردەك، خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بېسىم سىياسىتى، ئۇچۇر-ئاخباراتنى كونترول قىلىش، باستۇرۇش، دىنى ئەركىنلىكنى چەكلەش، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش، چىرىكلىك قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مۇقىمسىزلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى، مۇقىمسىزلىقنىڭمۇ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىل ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقلارنىڭ پەقەت خىتاي چېگراسى ئىچىگىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماي، بەلكى خىتاي سىرتىغىمۇ جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇڭا ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان سىياسەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.