2014.05.14

خىتاينىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقى ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى 14-مايدىكى باياناتىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللاشقا چاقىردى.

بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن ئادەمبوما ھۇجۇمى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزدە ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئارقىلىق «خىتايدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى» بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى، مۇقىملىق ۋە خەلقنىڭ ھاياتى-بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشقا چاقىردى.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.

ئۇلار يىللىق باياناتلىرىدا رايوندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يۇ بەرگەن ئادەمبومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلدىكى مەسىلىلەرنىڭ نېگىزنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.