erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم قانلىق ۋەقەلەردىن ساقلىنىشىنىڭ قەدەملىرى ھەققىدە توختالدى

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي رەھبەرلىرىنى ئالدى بىلەن قان پۇراپ تۇرغان باياناتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى، نەق مەيداندا ئېتىۋېتىشلەر، مەجبۇرىي غايىب قېلىۋېتىشلەر، قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىشلار، يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ سەرگەردان قېلىۋېتىشلەر مانا بۇ، قانلىق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان، ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان مەسىلىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ھەل قىلمىسا، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار تىنچ تۇرمايدۇ، خىتاي خەلقىگە تىنچلىق بولمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ ئۇيغۇرلار تىنچ قويمايدۇ.

ئۇ يەنە خىتاي خەلقىگىمۇ خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىۋاتقان ۋە ئېزىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىشقا چاقىردى.

ئاقسۇ شەھىرىدە قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن

خىتاي ئاخباراتلىرى تارقاتقان ۋە ئۆزىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 8-ماي ئاقسۇ شەھىرىدە قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ بىر ئادەم ئۆلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى «گۇمانلىق» دەپ قارالغان بىر كىچىك ماشىنىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن. نەتىجىدە قوراللىق ساقچىلار بىلەن مەزكۇر ماشىنىدىكى ئىككى ئۇيغۇر ياش ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئىككى ئۇيغۇر ياش تۇيۇقسىز پىچاق كۆتۈرۈپ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار بىر ئۇيغۇر ياشنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. يەنە بىر ئۇيغۇر ياش قولىدىكى پىچاق بىلەن بىر ساقچىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان ھەمدە نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

خىتاي ئاخباراتلىرى ھۇجۇمچىلارنىڭ يەنە بېنزىن قاچىلانغان بوتۇلكىنى ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، يەرلىك ساقچىلار بۇلارنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەدىردىن ساۋۇتنىڭ تۇغقانلىرىدىن 100 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان

ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى سەدىردىن ساۋۇتنىڭ شايار گۈلباغدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىدىن 100 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاي ئاخباراتى سەدىردىن ساۋۇتنىڭ 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ باش گۇماندارى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن يەرلىك دائىرىلەر سەدىردىن ساۋۇتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنى قارا-قويۇق تۇتۇشقا باشلىغان.

ساقچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇتۇلغانلارنىڭ ئىچىدە كىچىك بالىلار ۋە ئانىلارمۇ بار بولۇپ، قوشنا يېزىلاردىمۇ سەدىردىن ساۋۇتقا چېتىشلىق كىشىلەر تۇتۇلغان ۋە تەكشۈرۈلگەن.

بۇ يىل 39 ياش سەدىردىن ساۋۇتنىڭ ئاقسۇ شايارنىڭ گۈلباغ يېزىسىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم.

30-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا ئادەمبومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئىككى ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 ئادەم ئۆلگەن، 80 گە يېقىن ئادەم يارىلانغان ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ قىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنى دادىسىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئىلھام توختىنىڭ قىزى دادىسى ئۈچۈن بېرىلگەن ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇندىكى دادىسىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بۇ يىل 15-يانۋاردىن بۇيان تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئىلھام توختىغا 2014‏-يىللىق «باربارا گولدسىمىس يېزىش ئەركىنلىكى مۇكاپاتى» نى بەرگەن.

مۇكاپات بېرىش مۇراسىمى 5-ماي نيۇ-يورك ئامېرىكا تارىخى مۇزېيىدا ئېچىلدى.

دادىسىغا ۋاكالىتەن مەزكۇر مۇكاپاتنى تاپشۇرۇلۇۋالغان جەۋھەر ئىلھام دادىسىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقنى سۆزلىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى خاپا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر يەنە، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەدە مەشھۇر دىنىي ئۆلىما مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئەسلەندى

4‏-ماي گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر دىنىي ئۆلىما مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنى ئەسلەپ ئۆتتى. پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇرلار بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىرىلدى.

پائالىيەتكە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق دوكتور ئاتاۋۇللا شايار ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كېلىپ، مەخسۇس لېكسىيە بەردى.

ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم 1925-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆز ھاياتىدا شېڭسىسەي، گومىنداڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈرمىلىدە نەچچە ئون يىللاپ ياتقان ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم ئازراقلا ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلا ھامان ۋەتەننى خەلقنى جاھالەتتىن ئويغىتىش ئىشلىرىنى داۋام قىلغان. ئۇ 1993-يىلى 6 ئاينىڭ 19 كۈنى باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان ئىدى.

ئاتاۋۇللا شايار ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمدىن تەلىم ئالغان ۋە تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا مۇددەرسلىك قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەدىس ئىلمى تەتقىقاتچىسىدۇر.

ئۇ، ئۇستازى ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ تەلىملىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى بىرلىك ئىتتىپاقلىققا چاقىردى.

شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ ئۆلۈمى سىرلىق

شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان 16 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ ئۆلۈمىدىكى سىرلىق تەرەپلەر ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە تونۇشلىرىنى گۇمانلاندۇرغان.

16 ياشلىق ئىبراھىم ئابدۇراخمان جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ27-ئاپرېل كۈنى مەكتەپتىن چىقىپ كېتىپ ياتىقىغا قايتىپ كەلمىگەن. ئۇنىڭ جەسىتى 1-ماي يەنى 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى پارتلاشتىن بىر كۈن كېيىن، قوشنا شەھەر خاڭجۇدىكى دەريادىن سۈزۈۋېلىنغان.

دائىرىلەر ئىبراھىمنىڭ ئۆزىنى دەرياغا تاشلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغان. دېلوغا خاڭجۇ دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئىبراھىم ئابدۇراخماننىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن ۋەسىيەت نامىدىكى گۇمانلىق نۇقتىلار، ئەسلىدىنلا سىرلىق بولغان بۇ ئۆلۈمنىڭ ئۈستىگە يەنە گۇمان تۇغدۇرغان.