تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسى قاتارىغا كىرىشكە باشلىدى. 4-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان«ئا خەۋەر» تېلېۋىزىيەسىنىڭ «دىپلوماتىيە» ناملىق پروگراممىسىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پروگراممىغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتوندىن قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيەلىرىدىن بىرى بولغان «ئا خەۋەر» تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان، ژۇرنالىست ئورخان سالى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان تاشقى سىياسەت ماۋزۇلۇق بۇ پروگراممىغا تۈركىيەدە تونۇلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى ھاسان كۆنى ئەپەندى، تونۇلغان ژۇرنالىست يىلماز بىلگەن ئەپەندى، ژۇرنالىست لاتىف ئەردوغان ئەپەندى، تارىخچى پروفېسسور ئەبۇبەكىر سوفۇئوغلۇ ئەپەندى، ژۇرنالىست نەۋزات چېچەك ئەپەندى، جەۋات ئۆزقايا ئەپەندى، ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى مۇئاۋىن باشلىقى ھۈسەيىن ئورۇچ ئەپەندى، سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ ۋەكىلى سامىر ئەپەندى ۋە «سىتار» گېزىتىنىڭ تاشقى سىياسەت يازغۇچىسى سائادەت ئورۇچ خانىم قاتارلىقلار قاتنىشىپ مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەر جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ژۇرنالىست ئورخان سالى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ پروگراممىدا نۇقتىلىق ھالدا سۈرىيە، مىسىر، پەلەستىن، بىرما، قىرىم ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە تۈركىيەنىڭ بۇلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئاڭلىتىلدى.
پروفېسسور ھاسان كۆنى ئەپەندى تۈركىيەنىڭ پەقەتلا ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىگىلا كۆڭۈل بۆلمەي، ياۋرو-ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكى، چۈنكى دۇنيا تىجارىتىنىڭ ياۋرو-ئاسىياغا كۆچۈۋاتقانلىقى، تۈركىيەنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
پروگراممىدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يوق قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىلدا تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ياردىمى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بولسا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەتلا قوشنا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسى بىلەن بولۇپ كېتىپ، تىلى ۋە دىنى ئوخشاش بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى دېدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى گەرچە ھۆكۈمەت 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى تۈركىيە گراژدانلىقىغا قوبۇل قىلغان بولسىمۇ بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
رابىيە قادىر خانىم بىلەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆز پىكىرلىرىنى تېلېۋىزىيىدە ئاڭلىتىۋاتقاندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باغلاپ ئەكېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ۋە باشقا كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلدى.