rabiye-yaponiye-yighin-soz.jpgد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2013-يىلى 20-ئىيۇن، توكيو.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۆتكەن كۈنى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغاندا خەلقئارا جامائەتنى ۋەقەنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى يەنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان ھەم خىتاي تەرەپنى ۋەقەنىڭ مەنبەسى بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. مۇخبىرىمىز زىيارىتى داۋامىدا رابىيە خانىمدىن مەزكۇر مەنبە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى سورىدى.

رابىيە خانىم جاۋابىدا خىتاينى ئالدى بىلەن قان پۇراپ تۇرغان باياناتلىرىنى توختىتىشقا، پۈتۈن سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى. ئۇ يەنە بېيجىڭدا ئۇيغۇلارسىز ئېچىلىۋاتقان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنلىرى»نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سوئال: ۋەقەنىڭ ئۆزىلا ئەمەس، مەنبەسىمۇ تەكشۈرۈلۈشى ۋە ھەل قىلىنىشى كېرەك دېدىڭىز، مەنبە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر سۈپىتىدە قايسىلارنى كۆرسىتىسىز؟
جاۋاب: ئىجرا قىلىنىۋاتقان سوتسىز ئۆلۈم-نەق مەيداندا ئېتىۋېتىشلار، مەجبۇرىي غايىپ قېلىۋېتىشلار، قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىشلار، يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ سەرگەردان قىلىۋېتىشلار…. قىسىقسى ئۇيغۇرلار بۈگۈن يا تۈرمىگە سولىنىش، ياكى ئوقتا ئۆلۈش ياكى سەرگەردان بولۇپ سىرتقا چىقىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مانا بۇ، قانلىق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان، ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان مەسىلىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ھەل قىلمىسا، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار تىنچ تۇرمايدۇ، خىتاي خەلقىغا تىنچلىق بولمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ ئۇيغۇرلار تىنچ قويمايدۇ.

سوئال: بۇ مەنبە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھازىرچە، دەسلەپكى باسقۇچتا، تۇنجى قەدەم سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن قان پۇراپ تۇرغان باياناتلىرىنى ۋە باياناتنىڭ ئىجرائاتلىرىنى توختىتىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن تەڭ، پۈتۈن سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك، ئاندىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتدىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتكە ئولتۇرۇشى كېرەك، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېچىۋالغان مۇزاكىرىسىدە ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى بىلەن ھەل بولىدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، شۇ چاغدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى بېسىلغان بولىدۇ.

سوئال: ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇيغۇرلارسىز ھەل بولمايدۇ دېگەن بۇ ئەسكەرتىشنى بېرىشىڭىزدىكى سەۋەب نېمە؟
جاۋاب: كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، بۇ يىل ئىچىدە بىرقانچە قېتىم «شىنجا»ڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلدى، يىغىندا بىر ئۇيغۇر يوق، تېلىۋىزورلاردا كۆرۈۋاتىمىز مەركەزدىن چۈشكەن گۇرۇپپىلىرىنى، ئارىسىدا نۇر بەكرىدىن باشقا ھېچكىم يوق، تەكشۈرۈلۈۋاتقان يەر-زاۋۇت-فابرىكىلاردا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق، نېفىتلىكلەر، بىرمۇ ئۇيغۇر يوق؛ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ئۇيغۇرلار يوق دېيەرلىك. بۇنداق تەكشۈرۈش، بۇنداق يىغىنلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ، چۈنكى، مەنتىق ناھايىتى ئاددى‏-ئەگەر بىراۋنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۆي ئىگىسىنى تالاغا چىرىۋېتىپ «بۇ ئۆيدە قانداق قىلىپ تىنچ ياشايمىز» دەپ مۇزاكىرە ئېلىپ بارسىڭىز، ئۆيگە ئىگىسى كەتمىنىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ «يوقال ئۆيۈمدىن» دەپ كەتمەن بىلەن باشقا سالىدۇ. شۇڭا مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان يول، ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك…..

سوئال: يەنى خىتاي تەرەپ سۆھبەت يولىغا ھامان بىر كۈنى ماڭىدۇ، قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى دېيىلمەكچىمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە شۇنداق. خىتاي ئۆزى قول قويغان خەلقئارا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۇيغۇرلارغا بېرىلمىگىچە، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆزى مۇزاكىرە قىلمىغىچە، ئۆز بايلىقىنى ئۆزى ئاچمىغىچە، ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلمىغۇچە، ئۇيغۇرلار تىنچلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، تىنچمۇ تۇرالمايدۇ. مەسىلە ھەل بولمايدىكەن، زىياننى خىتاي خەلقىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىمۇ تەڭ تارتىدۇ، پايدىنى پەقەت دۆلەت بىخەتەرلىكى باھانىسىدە راھەت-پاراغەتلىك ھايات كەچۈرۈۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى كۆرىدۇ، شۇڭا خىتاي خەلقى مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

سوئال: تورلاردىكى ئۈرۈمچى ۋوگىزال ۋەقەسىگە قارىتا ئىنكاسلاردا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەر خىل ئىنكاسلىرى بار، مەسىلەن، بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلىسە، بەزىلىرى ۋەقەنى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپتۇ، سىز خىتاي خەلقىنى مۇشۇ خىل ۋەقەلەردە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشقا دەۋەت قىلىسىز؟
جاۋاب: ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەر جەھەتتىن چەتكە قېقىلىۋاتقان ۋە ئېزىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشى، خىتاي ھۆكۇمىتىنى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك؛ مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر ئىنسانىي مەيدان ۋە ئىنسانىي ئەخلاق؛ خىتاي خەلقى مانا مۇشۇ ئەقەللىي ئىنسانىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىسا ئۆزلىرىگىمۇ ئۇيغۇرلارغىمۇ تىنچلىق بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.