رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز يوللىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنى باشلاش ھارپىسىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزگەن.
ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يۇرتنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاڭلىغۇچىمىز يوللىغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، 27 – ئاپرېل ئەۋجىگە چىققان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە پەقەت ئۇنىڭ يېزىسىدىنلا 40 ئادەم بىراقلا تۇتۇپ كېتىلگەن.
بۇ ئۇچۇر يوللىغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى تۇتۇش ھەرىكىتىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىنمۇ 3 ئادەم تۇتۇلغان، يېشى كىچىك ئىنىسى قويۇپ بىرلىگەن بولسىمۇ، قالغان ئاكىلىرى ھېلىھەم سولاقتا ئىكەن.
شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 3 ئادەم ئۆلگەن، 79 ئادەم يارىلانغان ئىدى.
شى جىنپىڭ شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ يوليورۇقى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
رابىيە قادىر خانىم قورال كۈچى بىلەن تىنچلىق بەرپا قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.