erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭ ۋوگزالىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى ۋوگزالى ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتالمىش تېررورلۇققا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قورال كۈچى بىلەن تىنچلىق بەرپا قىلغىنى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقنى يېتەكلەش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ توغرا يولنى تېپىپ ماڭالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇرۇنمۇ دېدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە دەيمىز؛ قورقۇتۇش ۋە قورال كۈچى بىلەن تىنچلىق بەرپا قىلغىنى بولمايدۇ. جېنى تۇمشۇقىغا يەتكەن خەلق، قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنى ئەمەس، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى پارتلاشتا 3 ئادەم ئۆلگەن، 79 ئادەم يارىلانغان

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى ئاياغلىشىش ھارپىسىدا ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 3 ئادەم ئۆلگەن، 79 ئادەم يارىلانغان.

پارتلاش شۇ جاي ۋاقتى 30-ئاپرېل كەچ سائەت بەش ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى كېيىكى خەۋەرلىرىدە پارتلاشنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكى، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر پارتلاشنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا مۇقىملىقنى قاتتىق قوغداشنى جېكىلىگەن مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

رابىيە قادىر خانىم ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدىكى ۋەقەگە شى جىنپىڭنىڭ كۈشكۈرتۈشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھېسابلىمىدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 30-ئاپرېل ئېلان قىلغان تېررورلۇق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بىر قاتار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق دەپ بېكىتتى. بىراق، ئۇلار بۇنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىگە دائىر كونكرېت پاكىتلارنى كۆرسىتىپ باقمىدى. شۇنداقلا يەنە، مۇخبىر ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ قاراشلىرىنى ئىسپاتلىشىغا چەكلىمە قويدى.

30‏-ئاپرېل، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى تىنا كايدانوف خىتاينى بۇ خىل ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولۇق ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

بۇ دوكلات، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا قىلغان زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىلىنى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپى» دەپ ئېلان قىلىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا: ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يامان ئەھۋالدا

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ‏ يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىمۇ دىنىي ئەركىنلىككە ئىزچىل بۇزغۇنچىلىق قىلغان، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كاترىنا لانتوس سۋېت مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىكى مەۋجۇت ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت بۇددىستلىرىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى، مۇستەقىل كاتولىك ۋە پروتېستانتلارنى، فالۇنگوڭچىلار مۇرىتلىرىنى نىشانلىق باستۇرۇۋاتىدۇ.

كاترېنا خانىم مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇشتىن شەپە بەردى

28-ئاپرېل قەشقەردە زىيارەتتە بولغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دائىرىلەرنى قانۇننى قاتتىق يۈرگۈزۈشكە ۋە يەرلىكلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان.

«خىتاي گېزىتى» دە نەقىل قىلىشىچە، خىتايغا رەئىس بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قەشقەرنى زىيارەت قىلغان شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن قەشقەردە تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: سىلەرنىڭ ۋەھشىي تېررورچى جىنايەتچىلەرنى باستۇرىدىغان ئۈنۈملۈك چارەڭلار بولۇشى، مەشىقىڭلار چوقۇم ھەقىقىي ئۇرۇشقا تەتبىقلىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ قەشقەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاتالمىش قوش تىل سىنىپىنى زىيارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە خىزمەت تېپىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپلا قالماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشكىمۇ ھەسسە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەن پەيتلەردە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ساقچىلىرى نەيزە بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش مەشىقى باشلىغان ئىدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللار زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا چىدام-غەيرەت تىلىدى

24-ئاپرېل گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر خانىم-قىزلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ھەر خىل باستۇرۇشلىرى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا چىدام-غەيرەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق تىلىگەن.

گوللاندىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بۇ يىغىلىشقا 50 دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم-قىزلار قاتناشقان.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى نىگارە خانىم مۇنداق دېدى: ھەممەيلەن بۇ پائالىيەتنىڭ قىممىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ھەتتا بەزى ھەمشىرىلىرىمىز ھاياجاندا يىغلاپمۇ كەتتى. ھەممىمىز دۇئا قىلىپ، ئانا ۋەتىنىمىزگە تېزرەك قايتىشنىڭ نېسىپ بولۇشىنى تىلىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى، خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە سائادىتى ئۈچۈن كۆپ دۇئالارنى قىلدۇق.