urumchi-poyiz-istansisi-wagzal-partlash.jpgخىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى مەزگىلىدە، جەنۇبىي ۋوگزالدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 2014-يىلى 30-ئاپرېل، ئۈرۈمچى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە ھەيۋەتلىك سۆزلەرنى قىلغان، يەنى كوچىدىكى چاشقاننى ئۇر-ئۇر قىلغاندەك قاتتىق زەربە بېرىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى رادىئومىزدا سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر سۆزلىرىنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شى جىنپىڭنى قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. رابىيە خانىمنىڭ سۆزىدىن دەل بىر كۈن ئۆتكەندە يەنى 30 ‏- ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا ئۆزىنى پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم يۈز بېرىپ 3 كىشى ئۆلدى ۋە 79 كىشى يارىلاندى. ۋەقەدىن ئىبرەت ئالمىغان شى جىنپىڭ خىتاي تەرەپكە ئاتالمىش تېررورلۇققا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەققىدە يوليورۇق بەردى. بىز بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقنى يېتەكلەش ئىمكانىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ دوست ۋە دۈشمەنلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سوئال: ھۆرمەتلىك رابىيە خانىم، تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىدا ئۆزىنى پارتلىتىش خاراكتېرىدە ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۈگۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، يەنە ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا يەنىمۇ كەسكىن بولۇش، قىلچىمۇ بوشاشماسلىق چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، مانا مۇشۇ ۋەزىيەتتە سىز ۋەتەن ئىچىدىكى خەلققە قانداق بىر يول، قانداق بىر تەۋسىيىنى تەشەببۇس قىلىسىز؟
جاۋاب: ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى، شارائىتلىرىنى ھەممىدىن بەك ئۆزى ياخشى بىلىدۇ، بىز بىلىپ بولالمايمىز. ئىككىنچىدىن، بىز بۈگۈن ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنى يېتەكلەش ئىمكانىغا ئىگە ئەمەس، بىز پەقەت ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنى يېتەكلىيەلەيمىز. ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى، دەرد-ئەلەملىرىنى، ئارزۇ ‏- ئارمانلىرىنى دۇنيا خەلقىگە تولۇق ۋە توغرا يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. ئىشىنىمىزكى، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز، بۇرۇن بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توغرا يولنى تېپىپ ماڭالايدۇ.

سوئال: ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بېرىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، سىز شى جىنپىڭنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى قۇتراتقۇلۇق دەپ ئەيىبلىگەن ئىدىڭىز، بۇ سۆزلەر ۋەزىيەتنى ياخشىلىمايدۇ، تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دېگەن ئىدىڭىز، بىر كۈن ئۆتكەندە نەق سىز تەخمىن قىلغاندەك ئىش بولدى، يەنى رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغان قانلىق بىر ۋەقە يۈز بەردى. سىز بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندا قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟
جاۋاب: ھەيران قالمىدىم، مەنلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى كۆرگەن، تەتقىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم ئەجەپلەنمەيدۇ. چۈنكى بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقى ئويغىنىپ كەتتى؛ ئەمدى ئۇيغۇر خەلقىنى قۇرۇق گەپ بىلەن، ناخشا-ئۇسۇلغا سېلىپ قويۇش بىلەن ئالداپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغاتقان باشقا نەرسە ئەمەس، يەنە خىتاينىڭ زۇلۇمى، زوراۋانلىقى. خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇرۇنمۇ دېدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە دەيمىز، قورقۇتۇش بىلەن، قورال كۈچى بىلەن تىنچلىق بەرپا قىلغىنى بولمايدۇ، جېنى تۇمشۇقىغا يەتكەن خەلق، قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

سوئال: سىز بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇنىڭ بىر دۆلەت ئەربابىغا خاس گەپ قىلمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئېيتتىڭىز. سىزچە، ئەسلىدە شى جىنپىڭدىن كۈتۈلگىنى نېمە ئىدى؟ مەيلى سىز، مەيلى خەلقئارا جامائەت، مەيلى ئۇيغۇر خەلقى بولسۇن، شى جىنپىڭدىن نېمىنى كۈتكەن؟
جاۋاب: بىز ھېچ بولمىدى دېگەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئالىدۇ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلىمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق. ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە ئوخشاش بىر زۇلۇم ماشىنىسىنى مەدھىيەلىمەيدۇ، ئۇنىڭ سېلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلىرىنى توختىتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق. خەلقىمىزمۇ شى جىنپىڭنى 5 ‏-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولۇپ كەتكەن پەرزەنتلىرىگە جاۋاب بېرىدۇ، تۈرمىدە ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىدۇ دەپ تەخمىن قىلغان ئىدى. ئۇ ئۇنداق قىلىشتا ئاتالمىش تېررورچىلارنى كوچىغا چىققان چاشقاننى ئۇر-ئۇر قىلغاندەك ئۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرسە قانداق ۋەقەلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى يىللاردىن بېرى سۆزلەپ كېلىۋاتىمىز، شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆزى بىلەن كۆردى.

سوئال: شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن ئالاقىدار دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا بەرگەن تەلىماتى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدىنمۇ ئىبرەت ئالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى، سىزچە بۇ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بۇندىن كېيىن يەنە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
جاۋاب: شى جىنپىڭنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا قاتتىق باستۇرۇش ھەققىدە كۆرسەتكەن يوليورۇقى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ كۆرسىتىلىۋاتقان بىر يول، ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىگە، تۇتۇلۇپ كەتكەن بالىلىرىغا، ئېتىلىپ كەتكەن يولداشلىرىغا، يوقاپ كەتكەن قېرىنداشلىرىغا قاراپ تۇرۇپ قانداق يولدا مېڭىشنى تاللايدۇ. بىز بۈگۈنگە قەدەر خەلقىمىزنى تىنچلىق يولىغا، دىئالوگ يولىغا چاقىردۇق دەۋەت قىلدۇق؛ ئەمما خىتاي ئۇ خىل يوللارنى تاقاپلا قالماستىن، ھەتتا بىزنىڭ ئۇلارنى تىنچلىققا چاقىرىش يولىمىزنىمۇ تاقىۋەتتى، مەنچە خىتاي بۇ قىلغىنىنىڭ خاتالىقىنى ھامان بىر كۈنى تونۇيدۇ.

سوئال: ۋەقە ھەققىدە خىتاي ياكى خەلقئارا جامائەتكە قارىتا چاقىرىقىڭىز نېمە؟
جاۋاب: بىز بۇ قېتىم دۇنيا جامائىتىنى ۋەقەنى ئەمەس، ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ ۋەقەنى ئەمەس، ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىققان مەنبەنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىمىز. ئەگەر مەسىلىنىڭ ھەقىقىي مەنبەسىگە يەنە كۆز يۇمۇۋالسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇقىملىق غايىسىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىمىز.