دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق باستۇرۇشنى يەنىمۇ يۇقىرى رەۋىشتە تەكىتلەپ مەخسۇس يوليورۇق بەرگەنلىكىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئاخباراتلارغا بايانات بەردى.
رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا «ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىكى ۋەقەمۇ، داۋاملىق يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئادالەتسىز سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى، بولۇپمۇ بۇ قېتىم شى جىنپىڭ ئەپەندىنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى، تېررورچىلارنى كوچىدىكى چاچقاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەندەك بىت-چىت قىلىش كېرەك…» دېگەندەك بىر دۆلەت رەئىسى سالاھىيىتىگە لايىق بولمىغان بايانلىرى ۋە يەنە مىللەتلەر ئارا زىددىيەت سالىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ خىتاي ساقچى ۋە ھەربىيلىرى ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىشكە كۈشكۈرتۈشى، ئەسلىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدىن نارازى بولۇۋاتقان خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ غەزىپىنى تاشۇردى ۋە مۇشۇنداق قانلىق پاجىئەگە سەۋەب بولدى» دېدى ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ «شۇنچە كۆپ قان ئېقىش ۋەقەلىرىدىن كېيىنمۇ شى جىنپىڭ بۇ جايدىكى زىددىيەتلەرنى يۇمشىتىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي تۈردە يۈكسەلدۈرۈشكە كۈچىمەي، ئەكسىچە يەنىلا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئادالەتسىز سىياسىتىنى، قاتتىق باستۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، بۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ۋە يەنە«شى جىنپىڭ يولسىز سىياسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى رادىكال يولغا قىستىماسلىقى كېرەك، شى جىنپىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ ھاياتىي مەنپەئەتىنى قۇربان قىلماسلىقى كېرەك» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.