shwetsiye-yashlar-sherqiy-turkistan.jpgشىۋىتسىيە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسۇلمان ياشلار يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇرلار

شىۋىتسىيە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسۇلمان ياشلار يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، يىغىن كۆرگەزمە زالىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشكىللەپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يۈز تۇرانە ئاڭلىتىپ ياخشى نەتىجە ھاسىل قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتىدە، شىۋىتسىيە ئىسلام جەمئىيىتى، مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى، ئىبنى رۇش فوندى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شىۋىتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمنىڭ مەركىزى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا شۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ قاتناشتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

يىغىن داۋامىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۋېتسىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە، ساقچى ئىدارىسى، ئىسلامى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، سودا – كارخانىچىلار مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىغان كۆرگەزمە زالىدا، ئۇيغۇرلارمۇ ئىككى ئۈستەللىك ئورۇن ئېلىپ تەشۋىقات قىلدى.

ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە ئىزنىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ چىمەن دوپپىسى، ئۇيغۇرچە كىتابلار، تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇرلار ناملىق كىتابىنىڭ تۈركچە نەشرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق شۋېد تىلدىكى كىتابى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان شۋىتچە ۋە ئېنگلىزچە رەسىملىك تەشۋىقات ۋاراقلىرى، 24 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇس ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمى، ئۇيغۇر ئېلىپبەسى قاتارلىق بۇيۇملارنى گۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارغا تەشۋىق قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەد بۇ خىلدىكى يىغىنلاردىن ياخشى ھاسىل قىلغانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: «بىز، 2009 – يىلدىن باشلاپ، ئابدۇسالام ئابدۇغەنىگە ئوخشاش كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلارنى تەكلىپ قىلىپ، شىۋىتسىيە خەلقىغە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمىز.

مەلۇمات بېرىشىمىزمۇ يىلدىن – يىلغا كېڭىيىپ باردى، بىز تەكلىپ قىلغان مېھمانلار ئالدى بىلەن شۋىتسىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرەتتى، ئاندىن بۇ يىغىندا مەلۇمات بېرەتتى.

بۇ يىل ئاللاھقا شۈكرى، بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان تۈرك جەمئىيەتلىرىمۇ ئابدۇسالام ئابدۇغەنى مەلۇمات بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.»

ئابدۇللا ئەھەد «سىلەر، كۆرگەزمە جەريانىدا ئەرەبچە، ئېنگىلىزچە تىللاردىكى تەشۋىقاتىڭلار ئارقىلىق قانداق نەتىجىلەر گە ئېرىشتىڭلار» دېگەن سوئالىمىزغا قارىتا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«بىز 5يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا يىغىن زالىنىڭ گۆرگەزمە بۆلۈمىدىن ئورۇن ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئائىت تەشۋىقاتلارنى تارقىتىپ كەلدۇق، بۇ قېتىم بولسا بىز شۋىتسىيەدە ئۈسۈپ يېتىلىۋاتقان، شۋىتچىسى راۋان ياشلارنى يۈز تۇرانە تەشۋىق ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىدۇق. يىغىندا ياشلارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولدى، چۈنكى بۇلارنىڭ تىلى راۋان، ئۇلار تەشۋىق قىلىش يوللىرىنى بىلىدۇ، شۇ سەۋەبدىن تەشۋىق قىلىش جەھەتتە غەلىبە قىلدۇق دەپ قارايمەن.»

يىغىندا يۈز تۇرانە تەشۋىق ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن دۆلەتجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: «مەن تەشۋىقات ۋارىقىنى تارقىتىش جەريانىدا كىشلەر گېپىمنى قىزىقىپ ئاڭلىدى. مەن ئالدى بىلەن تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى بېرىشتىن بۇرۇن كىشىلەردىن «سىز بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى ئاڭلاپ باققانمۇ» دەپ سورىدىم، بىزنى بىلىمەن دېگۈچىلەردىن «قايسى تىلنى بىلسىز ؟» دەپ سوراپ تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى بەردىم. بىلمەيمەن دېگۈچىلەرگە بولسا «بۇ دۆلەت خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردە بولۇۋاتقان زۈزلۇملارنى قىسقا شەكلىدە ئاڭلاتتىم، قىزىققۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بەردىم.»

بىزنىڭ «قىزىققانلار سىزدىن قانداق سوئاللارنى سورىدى» دېگەن سوئالىمىزغا قارىتا دۆلەتجان مۇنداق دېدى: «ئاڭلىغانتىم، سىلەرنىڭ بۇ يەر ئاپتونوم رايونغۇ؟ سىلەر خىتايمۇ؟ سىلەر مۇسۇلمانمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ئەمما غەيرى سوئاللارنى سورىدى.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن 2013 – يىلىدا ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشقان، ئۇ قېتىمقىسىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كەڭ تۆردە تەشۋىق قىلالمىغان ئىدۇق. بۇ قېتىم بولسا تېخىمۇ ياخشى بولدى دەپ قارايمەن.»

يوقىرىدا، شۋىتسىيەدىكى يىغىن داۋامىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار. بۇ پروگراممىنى شۋىتسىيەدىن ئىھسان ئاڭلاتتى.