almata-barin-weqesi-qasimi.jpgئالماتادىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 7-ئاپرېل.

7-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى بىر زالغا جەم بولغان شەھەر ۋە شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن 200 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر چوڭ خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر پائالىيەت 20-ئەسىر نامايەندىلىرىدىن بىرى، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ھۆكۈم سۈرگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكتىپ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى ۋە سىياسىي ئەرباب ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، سابىق مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقى ۋە بارىن ۋەقەسىنىڭ 24 يىللىقىغا بېغىشلاندى.

دىنىي زات مەھەممەتجان ھاجىم ئازادلىق ۋە ئىنسان ھەقلىرى يولىدا قازا بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇغاندىن كېيىن، سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات ئوقۇدى. ئۇ شۇنداقلا 1990-يىلى يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە تۇتقان ئورنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي لىدېرى رابىيە قادىرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى، قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىك، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى قۇرۋانجان تۇرغانوف بۈگۈنكى مۇراسىم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قەھرىمان غوجامبەردى بىزگە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قانچىلىك ئۆتكۈر ئىكەنلىكىنى، ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكىنى، خەلق ئۈچۈن كۆيۈنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ 1945-يىلدىن 1949-يىلغىچە بىزنىڭ ئۇيغۇرىستان ۋەتىنىمىزدە خەلقىمىز ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى خەلققە ئاڭلىتىۋاتىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى شۇ ۋاقىتلاردا مىللىي ئارمىيىنى ئۇيۇشتۇرغان، گىمنازىيە-مەكتەپلەرنى ئاچقان ۋە ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىنى ئېلىپ ماڭغان شەخس. بۈگۈنكى يىغىنغا ناھايىتى كۆپ ئادەم، كۆپ ياشلار كەلدى. ق. غوجامبەردى كۆتۈرۈلۈشلەر، نامايىشلار توغرىلىق ئېيتىپ بەردى. 1990-يىلقى بارىن ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنى ئويغىتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىككە يېتەكلەش، ۋەتەننى ئازاد قىلىش، كۈرەش قىلىش يوللىرىنى ئېچىش رولىنى ئوينىدى دەپ چۈشەندۈردى. بىزنىڭ كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان لىدېرىمىز رابىيە قادىر ياۋروپادا قانداق ئىشلارنى قىلدى، قەيەرلەردە بولدى، نېمە يىغىنلارنى ئۆتكۈزدى، شۇلارنىڭ ھەممىسىنى خەلقىمىزگە چۈشەندۈردى.»

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف، تاتار خەلقىنىڭ ۋەكىلى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر يېرزىن، «ئىنايەت جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخۇنوف، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاسىيەم تۇردىيېۋا، 40-يىللاردىكى ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى ۋاپاخۇن قۇربانوف ۋە باشقىلار بۈگۈنكى ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىمنى ھەرتەرەپلىمە قوللايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا تارىخىي ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتلىك كۈرىشىگە، رابىيە قادىر باشلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ھەمدە قىرغىزىستاندا نەشر قىلىنىۋاتقان «ئىتتىپاق» گېزىتىگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى.

ياركەنت شەھىرى تۇرغۇنى، ياش شائىر مولۇتجان توختاخۇنوف ئۆز قارىشىنى مۇنداق دەپ بىلدۈردى: «بۈگۈنكى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان مۇراسىم يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتتى دەپ ھېسابلايمەن. چۈنكى ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئەسلەش ھەم خاتىرىلەش، بىز ئۈچۈن مۇقەددەس بۇرچ شۇنداقلا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر ساۋاق بولغۇسى. بۇ يىلى پەقەت ئەخمەتجان قاسىمىنىڭلا 100 يىللىقى ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭمۇ 100 يىللىقى نىشانلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىلاھىم، مۇشۇنداق دانالىرىمىزنى، دۆلەت ئەرباپلىرىمىزنى خاتىرىلەش مىللىتىمىزدىن ھېچقاچان يىراقلاشمىسۇن، تارىختا ئىز قالدۇرغان شەخسلەرنىڭ ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ساقلىنىشىدا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ھەقىقەتەن مۇھىم دەپ ھېسابلايمەن.»

مەزكۇر مۇراسىم جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىغا ئائىت رەسىم ۋە كىتاب كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى.