
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋروپا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتتى. ئۇنىڭ 9 كۈنلۈك ياۋروپا سەپىرىدە گېرمانىيە باش مىنىستىر مېركېل ئۇنىڭغا سوغا قىلغان «جۇڭگو خەرىتىسى» ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە خىتاي تور بەتلىرىدە زور مۇنازىرە قوزغىغان ۋەقە بولۇپ قالدى.
مېركېلنىڭ سوغىسى نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك زور مۇنازىرە قوزغايدۇ؟ بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مېركېلنىڭ سوغىسى خىتاينىڭ رەسمىي تارىخ چۈشەنچىسىگە سوئال قويغان
شى جىنپىڭ گېرمانىيەنى زىيارەت قىلغاندا باش مىنىستىر مېركېل 28-مارت كەچلىك زىيارەت بېرىپ، خىتاي رەھبىرىنى كۈتۈۋالغان ۋە زىياپەتتە ئىككى تەرەپ بىر -بىرىگە سوغا تەقدىم قىلغان ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ سوغىسى كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققىتىنى قوزغىمىدى. بىراق مېركېل سوغا قىلغان فىرانسىيەلىك خەرىتەشۇناس جاڭ -باپتىست بورگۇگنوننىڭ 1735-يىلى سىزغان ۋە گېرمانىيەدە نەشر قىلىنغان «جۇڭگو خەرىتىسى» مۇنازىرە قوزغىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بورگۇگنون سىزغان بۇ خەرىتە، 16-ئەسىردە ئىسپانىيەلىك ئىگناتيۇس لويولا تەرىپىدىن قۇرۇلغان «جېسئىۇت» يەنى «ھەزرىتى ئەيسا» ناملىق كاتولىك مىسسىئونېرلىرىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان دەسلەپكى جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى ئاساس قىلىپ سىزىلغان.
لاتىن تىلىدىكى خەرىتىنىڭ سىزىلغان ۋاقتى مانجۇ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى چيەنلۇڭ تەختكە چىققان دەسلەپكى يىللارغا توغرا كېلىدۇ. خەرىتىدىكى جۇڭگو زېمىنى سەددىچىننىڭ ئىچى ۋە قاش قوۋۇقنىڭ) يۈمېنگۈەن(شەرقىيدىكى خەنزۇلار توپلىشىپ ياشايدىغان زېمىنلاردىنلا ئىبارەت بولۇپ، مانجۇرىيە، موڭغۇلىيە، شەرقى تۈركىستان، تىبەت خەرىتىگە كىرگۈزۈلمىگەن. ھازىرقى تەيۋەن ۋە خەينەن ئارىلى بولسا باشقا رەڭلەردە سىزىلغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خەرىتىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، تەيۋەن ۋە سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى «ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن رەسمىي تارىخ چۈشەنچىسى ئىنكار قىلىنغان.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، خىتايلارنىڭ بۇ خەرىتە ھازىرقى خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ قانۇنلۇق ئاساسىغا گۇمان پەيدە قىلىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيەنىڭ ئۇ دەۋردە خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكى بىر رېئاللىق ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
قاھار بارات: بۇ چوڭ دۆلەت شوۋىنىزم پسىخولوگىيىسىدىن كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۆز ۋاقتىدا خەنزۇ مىللىتىنىڭ دۆلىتى يوق بولغان. ئۇلار بۇ مانجۇلارنىڭ دۆلىتى، دېگەننى ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ. مانجۇلار خەنزۇلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ئارقىلىق بۇ ئىمپېرىيەنى ئىككى قوللاپ خەنزۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. خەنزۇلار دۆلىتىنى سۈن جۇڭسەن قۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلار تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغۇلنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ھازىرقى ھالەتكە ئەكەلدى. رېئال تارىخنى ئېتىراپ قىلىش ھېچقانداق خاتالىق ئەمەس. ئەمما ئۇلار نېمىشقا ھازىر بۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؟ بۇنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. مانجۇنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنى بېسىۋالغانلىقى مانجۇ -ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى تارىخ. ئۇ ئايرىم يېزىلىشى ۋە ئۇنىڭ سودىسى ئايرىم بولۇشى كېرەك. ئەمدى بۇ بېسىۋالغان يەرلەرنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇش-تۇرماسلىقى 2-مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.
بورگۇگنوننىڭ «جۇڭگو خەرىتىسى» سىزىلغان ۋاقىت ياۋروپا ئاسىيانى 3 چوڭ كۈچ تالىشىۋاتقان دەۋر ئىدى.
تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە بالقاش كۆلى ئەتراپلىرىنى جۇڭغارلار، خىتاينى مانجۇلار سوراۋاتقان، شىمالدا رۇسلار باش كۆتۈرۈپ، سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ كېڭىيىۋاتقان دەۋر ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي جوڭغارلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، جەنۇبتىكى سەئىدىيە خانىدانلىقى تېررىتورىيىسى جۇڭغارلار ئولپان تاپشۇرسىمۇ، لېكىن غوجىلار «مۇستەقىل» سوراۋاتقان ئىدى.
دوكتور قاھار باراتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، فىرانسىيەلىك بورگۇگنوننىڭ «جۇڭگو خەرىتىسى» سىزىلىپ، 24 يىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى مانجۇلار ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ رەسمىي مانجۇ تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېلىنىشى 1880-يىللارغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ، ھازىرقى دۇنيا خەرىتىسى 19-ئەسىردىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاھار بارات مۇنداق دېدى: دۇنيا خەرىتىسىنىڭ، دۇنيادىكى قايتا بۆلۈنىشىنىڭكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم توختىغان ۋاقتى 19-ئەسىر. شۇنىڭدىن كېيىنكىسىنى ئاساسەن بۇ خەلقئارادا ۋە ب د ت دا ھۆرمەت قىلىنىدۇ. ئېتىراپ قىلىنىدۇ، دېمەيمىز، بىراق ھۆرمەت قىلىنىدۇ. شۇ چاغلاردا يېڭى قوراللار ئىجات بولدى. چېگرالار ئېنىق بۆلۈندى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن «چېگرا» دېگەن گەپ يوقىدى. «چېگرا» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە شۇنىڭغا قاراپ ھۆرمەت قىلىدىغان ئەھۋالغا كەلدى. بۇنىڭ قانۇنى ئاساسىنى قويسا، 19-ئەسىردىن باشلاپ قويسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىسىنى سۆزلەشكە بولمايدۇ. ئۇ بەك كونا ۋاقىت ۋە ھازىرقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇ بۈگۈنكى يەر شارىنىڭ سىياسىي-جۇغراپىيىلىك تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
«خەلق گېزىتى» قاتارلىق خىتاينىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ئاخباراتى شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، بىراق مېركېل سوغا قىلغان خەرىتىنى خىتاي پۇقرالىرىغا خەۋەر قىلىپ سۇنۇشتىن قاچۇردى.
خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىدە، مېركېل سوغا قىلغان بورگۇگنوننىڭ خەرىتىسى ئورنىغا باشقا بىر خەرىتىنى قوللىنىشى چەتئەل ئاگېنتلىقىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خىتاي ئاخباراتىبورگۇگنوننىڭ «جۇڭگو خەرىتىسى» ئورنىغا ئەنگىلىيەلىك خەرىتىشۇناس جون دوۋېرنىڭ 1844-يىلى نەشر قىلىنغان «جۇڭگو خەرىتىسى» قوللانغان.
ئەنگلىيەلىك جون دوۋېرنىڭ «جۇڭگو خەرىتىسى» دە خىتاي زېمىنى ھازىرقى تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە ۋە سېبىريەنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھالبۇكى، خىتاي ئاخباراتى باش مىنىستىر مېركېل شى جىنپىڭغا سوغا قىلغان بورگۇگنوننىڭ «جۇڭگو خەرىتىسى» ئورنىغا نېمىشقا جون دوۋېرنىڭ «جۇڭگو خەرىتىسى» نى قوللانغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، بىراق ھەر ئىككى خەرىتە خىتاي ئاممىۋى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ مۇنازىرە قوزغىدى. بورگۇگنوننىڭ 18-ئەسىردە سىزىلغان «جۇڭگو خەرىتىسى» بەز تور مۇنازىرىچىلىرىنى ئۈمىدسىزلەنگەن بولسا، جون دوۋېرنىڭ «جۇڭگو خەرىتىسى» بەزى مۇنازىرىچىلىرىنى ھاياجانغا سالغان. بەزىلەر، مېركېلنىڭ بورگۇگنون سىزغان خەرىتىنى شى جىنپىڭغا غەرەزلىك سوغا قىلىپ، «شىنجاڭ ۋە تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىراق، دوكتور قاھار بارات، خىتاي خەلقىدىكى بۇ خىل «چوڭ بىرلىك» تەپەككۇر پسىخولوگىيىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ: داتوڭيى دەيدىغان چوڭ بىرلىك، چوڭ بىر دۆلەت بىرلىشىمىز، دەيدىغان پسىخولوگىيە، 2 مىڭ يىلدىن بېرى ئالتاي خەلقلىرىنىڭ جۈملىدىن ھۇن، تۈرك ۋە موڭغوللارنىڭ بۇلارغا دەھشەتلىك بېسىم قىلغانلىقى، تاجاۋۇز ۋە زەربە بەرگەنلىكىدىن ئاخىرى ئۆزلىرى يىغىلىپ، بىر كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشتىن شەكىللەنگەن تارىخىي پسىخولوگىيە. بۇ قورقۇش ئاستىدا شەكىللەنگەن بىرلىك، دەيدىغان بىر خىل پسىخولوگىيە. بۇنىڭ دەۋرى ھازىر ئۆتۈپ كەتتى. ئالتاي مىللەتلىرىنىڭ ھازىر خىتايغا تەھدىت سالغۇدەك ھېچقانداق كۈچى يوق. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار بۇ پسىخولوگىيىنى تاشلاپ، رېئاللىققا يۈزلىنىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەتلەر نامايىش قىلىش، يىغىن چاقىرىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش قاتارلىق يوللار بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان بىر مەزگىلدە، تالاش-تارتىشتىكى تارىخىي خەرىتىنى شى جىنپىڭغا سوغا قىلغان ئىدى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شى جىنپىڭ گېرمانىيەگە يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيە سەپىرى مېركېلنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ياخشى پۇرسەت، دېگەن ئىدى.