گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مىركېل، 28-مارت 3 كۈنلۈك گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلىغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىپادە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە، دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇ، شۇ كۈنى شى جىنپىڭ بىلەن بېرلىندا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلاپ، ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە بۇ مەسىلىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. مىركېل، پىكىرنىڭ كەڭ ۋە ئەركىن قويۇۋېتىلىشى بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجاتچانلىقىنى ئالغا سۈرۈشتىكى ناھايىتى مۇھىم ئامىل، دەپ كۆرسىتىپ، ئۇ تەتقىقات، مەدەنىيەت ۋە مەدەنىي جەمئىيەت ئۈچۈن زۆرۈر، دېدى.
شى جىنپىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلاشتىن سەل ئاۋۋال، د ئۇ ق ، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بايانات ۋە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر مىركېلنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۈنسايىن ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغوللارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مىركېل-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان مۇھىم پۇرسەت، دەپ تەكىتلىگەن.
شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى 3 كۈن داۋام قىلىدۇ. ئۇنىڭ كېيىنكى زىيارەت بېكىتى برېيۇسسېل بولۇپ، ئۇ 31- مارت خۇسې مانۇئېل باروسو، فون رۇمپۇي قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.