2014.03.28

ئامېرىكا دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جون كام، جۈمە كۈنى ئامېرىكا ئىستراتېگىيە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ بۇرۇنقىدەك غەربكە يول قويۇپ پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشتىن ۋاز كەچكەندەك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن غەرب سۇنغان، قاماقتىكى  بەزى ئاتاغلىق مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قويۇپ بەرگەن، بەزىلىرىگە پاسپورت بېرىپ غەربكە كېتىشكە يول قويۇپ كەلگەن. بىراق ئۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، « ماڭا، 2012‏-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىككى تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا، مەھبۇسلار تىزىملىكىنى قوبۇل قىلماسلىق قارار قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى »دەپ كۆرسەتتى.

جون كام ئىلگىرى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر، خىتاي دېموكراتىيە رەھبىرى ياڭ جيەنلى ۋە قاماقتىكى باشقا بەزى ئاتاغلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە رول ئوينىغان.  خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سۇنغان خىتاي تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار تىزىملىكىنى قوبۇل قىلمىغان. شۇنداقلا يەنە، خىتاي رەھبىرى بىر نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىغا «بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم قويۇپ بېرىلمەيدۇ، بىز ئەمدى ھېچكىمنى قويۇپ بەرمەيمىز» دېگەن.

ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى داۋام قىلىۋاتقانغا ئون نەچچە يىل بولدى. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دىئالوگنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنى تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرىپ كەلگەن. جون كامنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىللىق ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىك ئېھتىماللىقى زور. چۈنكى، خىتاي پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يېقىندا تىبەت روھانى داھىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە  ئىنكاس بىلدۈرۈشى مۇمكىن.