rebiye-xanim-shiwetsiye-parlamit-eazas.jpgدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2014-يىلى 25-مارت.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 25-مارت چۈشتىن كېيىن، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق يىغىن شىۋېتسىيەدىكى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئاننېلىيە ئېنىكسۇن خانىمنىڭ تەكلىپى بىلەن شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولۇپ، بۇ يىغىنغا دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىلىرى، سىياسەتچىلەر، تارىخچىلار، شىۋېتسىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن داۋامىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قاتتىق بىسىم، دىنىي چەكلىمىلەر شۇنداقلا كۆچمەن ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرى بويىچە سورالغان سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى.

رابىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.