erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە خانىم ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ياردەم تەلەپ قىلدى

19-مارت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى ۋە تەن جازاسى كومىتېتىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئىلھام توختى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم قاتارلىقلارنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار مۇساپىرلار كومىتېتى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قېيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى مەسئۇللىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ب د ت غا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات سۇندى

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى كومىتېتىغا سۇنغان خىتايغا ئالاقىدار دوكلاتتا، ب د ت نى خىتايدىكى بارلىق ھەقلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

ب د ت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ 52-قېتىملىق يىغىنى بۇ يىل 28-ئاپرېلدىن 23-مايغا قەدەر جەنۋەدە ئېچىلىدۇ.

ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ب د ت غا سۇنغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار ئولتۇرۇشلۇق رايونلار رەسمىي «ئاپتونوم رايونلۇق» سالاھىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىن ۋە مائارىپ ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە جىددىي چەكلىمىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

جەنۋەدىكى يىغىندا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

25-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىنىدا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا، خەلقئارادىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەر ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنى ۋە شۇنداقلا مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ساقچى ئوسمانجان خىتاي باشلىقىنى قوغداشقا ئۇرۇنغاندا زەربىگە ئۇچرىغان

مەلۇم بولۇشىچە، 17-مارت ئۈرۈمچى سايباغ رايونى يامالىق مەھەللىسىدە بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي ساقچىسىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى بۇ ياشنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ساقچىسىغا ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئىسمى ئېلىيار رەھمىتۇللا.

ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغان ساقچى ئوسمانجان غوجى ئىسىملىك ئۇيغۇر ساقچى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقە ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق تۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىشتىكى ناھەقچىلىك ۋە ساقچىلارنىڭ يولسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان.

ۋەقە ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى دوستىدىن مەلۇمات ئالغان ياۋروپادىكى زۇمرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچى ئېلىيار رەھمىتۇللا ئەسلى نەق مەيداندىكى خىتاي ساقچى باشلىقىغا ھۇجۇم قىلغان. ئەمما ئوسمانجان غوجى خىتاي باشلىقىنى قوغدايمەن دەپ پىچاقنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ يارىلانغان. كېيىن ئۇ دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

ئۆركەش دۆلەت: «باراۋەرلىك-خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا بېرىشنى ئەسلا خالىمايدىغان بىر ئىش»

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۆركەش دۆلەت تەيۋەن تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئۇ تەيۋەن تېلېۋىزىيىسىگە سۆزلىگەن سۆزىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردىكى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ دىنىي-ئېتىقاد، تىل، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئۆركەش دۆلەت ئاخىرىدا: مەن زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارشى. ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا تېخىمۇ قارشى تۇرىمەن! بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىم مەندىن: «بۇرادەر، توغرا، سەن زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكە ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى قوللىنىشقا قارشى تۇرىسەن، لېكىن بىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر ئۇسۇل بارمۇ؟» دەپ سورىغىنىدا مەن جاۋاب بېرەلمەي قالدىم، دېگەن.

ئۆركەش دۆلەت خىتاي ئىچى ۋە سىرتىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن 1989-يىلىدىكى «تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرىدۇر.

خىتاي دائىرىلىرى: كۈنمىڭ ۋەقەسىنى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قوللىغانلىقى بۇنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ

چارشەنبە كۈنى خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «كۈنمىڭ ۋەقەسى» ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قوللىغانلىقى بۇنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

1-مارت بىر قىسىم قوراللىق كىشىلەر كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 29 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، 140 نەچچە ئادەمنى يارىلاندۇرغان.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەنى ئۇيغۇرلار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، كۈنمىڭ تەۋەسىدىكى 900 ئۇيغۇرنى كۈنمىڭدىن قوغلىغان ئىدى.

رويتېرسنىڭ نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى 1-مارتتىكى ھۇجۇمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ خىتايغا سىگنال بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانچىسى خوڭ لېي مەزكۇر ۋىدىئونىڭ ئۇ تەشكىلاتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارىشى ئالغان سىياسەتلىرىنى قوللاشقا چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ تېررورىزمنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكنى ئىلگىرى سۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ تېررورىزمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى يۈر يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.