
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ شىۋېيىتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەدىكى پائالىيىتى داۋاملاشماقتا. د ئۇ ق ھەيئىتى 19-مارت كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى، تەن جازاسى كومىتېتى قاتارلىقنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئىلھام توختى، ئابدۇۋېلى ئايۇپ، ئابلىكىم ئابدۇررېھىم قاتارلىقلارنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قېيىن ۋەزىيەتتە قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بولۇپمۇ تايلاند ۋە مالايشىيادىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېلىپ كېتىشى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇساپىرلار لاگېرى قۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى مەسئۇللىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.