20-مارت كۈنى خىتاي ھەيئىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 25-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا كۆپ قېتىم بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىندا سۆز قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى بۆلۈشكە تىرىشتى. ئەمما ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق كۆپ ساندىكى ئەللەر ۋەكىللىرى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەندىن يىغىن باشقۇرغۇچى خىتاي ھەيئىتىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر يىغىن سورۇنىدا خىتاي ۋەكىللەر يەنە، ئۆزلىرىگە بەلگىلەپ بېرىلگەن ئورۇندىنمۇ بىئارام بولۇپ دەۋا قىلغان. چۈنكى، خىتاي ۋەكىللەر ئولتۇرغان ئورۇننىڭ يېنىدىلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئولتۇرغان بولغاچقا، خىتاي ۋەكىللەر سۆز قىلغاندا رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا تەڭ چىقىشىدىن قاتتىق بىئارام بولغان. خىتاي ۋەكىللەرنىڭ يىغىن باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە يىغىن ئاخىرلىشىشقا ئىنتايىن ئاز بىر ۋاقىت قالغاندا خىتاي ۋەكىلنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلغان.
مەزكۇر ۋەقە بۈگۈنكى يىغىننى نەق مەيداندىن كۆرۈپ ئولتۇرغانلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. تىۋىتتېر ئارقىلىق يوللانغان ئۇچۇرلاردا بەزىلەر خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ سۆز قىلىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنماقچى بولغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.