Doktor-abdulhemit-awshar.jpgمارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار «زۇلۇم تۈگىمىگەن يەر شەرقىي تۈركىستان» نامدىكى يىغىندا سۆز قىلدى. 2014-يىلى 8-مارت، تۈركىيە.

«زۇلۇم تۈگىمىگەن يەر شەرقىي تۈركىستان» نامدىكى يىغىندا سۆز قىلغان، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئانىلىرى بۈگۈنكى كۈندە تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى سەۋەبىدىن 8-مارت ئاياللار بايرىمىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى بىلمەيدۇ، ئانىلارنىڭ ئانا بولۇش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكىدىن خىتاي سىياسىتىنىڭ چوڭ تەسىرى بار،» دېدى.

2014‏-يىلى 8-مارت شەنبە كۈنى تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى سامسۇن شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «زۇلۇم تۈگىمىگەن يەر شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى سامسۇن شۆبە رەئىسى پروفېسسور كايا تۈنجەر چاغلىيان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

پروفېسسور كايا تۈنجەر چاغلىيان ئەپەندى، «بۈگۈن دۇنيا ئاياللار بايرىمى كۈنى، شەرقىي تۈركىستاندا قېرىنداشلىرىمىز، ئانىلىرىمىز، ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ ئىپپەت-نومۇس، دىنى ئېتىقاد، مەدەنىيەت ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، رابىيە قادىر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭ ۋە پۈتۈن تۈرك ئاياللارنىڭ ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن»، دېدى.

يىغىندا دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پىلانلىق تۇغۇت ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، بويىغا يەتكەن قىزلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلەش ئۈچۈن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى، 18 ياشتىن كىچىكلەر، مەمۇرلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاياللارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشى چەكلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش ۋە سۆزلىشىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۈلكە ئوجاقلىرى تەشكىلاتى سامسۇن شۆبە رەئىسى پروفېسسور كايا تۇنجەر چاغلىيان ۋە دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پروفېسسور كايا تۇنجەر چاغلىيان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرك مىللىتى ۋە بىزنىڭ تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنى ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بىر مەسىلە. تۈرك دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسمى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشتى، ئەمما ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەن بىر قانچە تۈرك جۇغراپىيىسىدىن بىرى شەرقىي تۈركىستان، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ھۆرلۈككە ئېرىشكىچە بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشنى داۋام قىلىمىز، چۈنكى خىتاي ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن خەلقئارالىق قانۇنلارغا ، كىشىلىك ھوقۇق تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلدى. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھى، جىسمانىي، مەدەنىيەت ۋە دىنى ئېتىقاد جەھەتتە ئەركىنلىكلىرىگە چەكلىمە قويغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەرد-ئەلەملىرى بىزنىڭ يۈرىكىمىزگە ئورناپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن بىز تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سامسۇن خەلقىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق، بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قوشقان بولدۇق».