erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

كۇنمىڭدا قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ 33 ئادەم ئۆلدى، 140 نەچچە ئادەم يارىلاندى

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-مارت كۈنى كەچقۇرۇن شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا قارا نىقاب كىيگەن بىر گۇرۇھ كىشى كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا شىددەتلىك پىچاق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.

بىرقانچە سائەتلىك ھۇجۇمدا جەمئىي 33 ئادەم ئۆلگەن، 140 نەچچە ئادەم يارىلانغان.

«1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئەتىسى خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بايانات بەرگەن. باياناتتا مەزكۇر ۋەقەنىڭ «شىنجاڭلىق بۆلگۈنچى كۈچلەر تەرىپىدىن پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنخۇا خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىچاقلىق ھۇجۇمچىلار جەمئىي 8 نەپەر كىشىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 6 نەپىرى ئەر، 2 نەپىرى ئايال ئىكەن. تۆت سائەتكە يېقىن ئېلىشىشتا خىتاي ساقچى تەرەپ ھۇجۇمچىلاردىن 4 نەپەر ئەر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر نەپەر ئايالنى يارىلاندۇرۇپ تىرىك تۇتقان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 3-مارت چۈشتىن كېيىن مەزكۇر دېلونىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا «1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسى» نىڭ ئابدۇرەھىم قۇربان باشچىلىقىدىكى «تېررورلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە يەنە قالغان 3 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ تاكى 3-مارت چۈشكىچە تىركىشىپ ئاخىرىدا تۇتۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

3-مارت كۈنى يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «كۇنمىڭدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا بىرقانچە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ بايقالغانلىقى» نى تىلغا ئالغان. خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرىدىكى زىددىيەتلىك نۇقتىلارغا بولغان گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

رابىيە قادىر خانىم كانادادا زىيارەتتە بولدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 3-مارتتىن باشلاپ كانادادا زىيارەتتە بولدى.

بۇ 3 كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بۆلۈمىدىكى خادىملار بىلەن كۆرۈشكەن. كانادا پارلامېنتىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقانلار مەسىلىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

رابىيە خانىم ئاخىرىدا ئوتتاۋادىكى كارېلتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، رابىيە قادىر خانىم كانادادىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ كۇنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى ياۋۇزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قىيىن ئەھۋالدا قالدى

مەلۇم بولۇشىچە، كۇنمىڭ ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نىشانىغا ئايلانغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن كۇنمىڭ شەھىرى ۋە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باشقا چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدىكى مېھمانسارايلار بىردەك ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىشنى رەت قىلغان. كۇنمىڭ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كوچا ۋە مەھەللىلەر قاتتىق قامال قىلىنىپ، ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈلگەن. بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ كىملىكى تىزىمغا ئېلىنىپ، ئۆيلىرىدىكى پىچاق ۋە باشقا تىغلىق ئۆي سايمانلىرى مۇسادىرە قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى نەننىڭ شەھىرىدە، ساياھەت شەھىرى بولغان گۇيلىن شەھىرىدە شۇنداقلا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۋاڭجو شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق تەكشۈرۈلگەن. ساقچى دائىرىلىرى خىتاي ئاھالىلىرىگە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىملىكىنى كۆتۈرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇچرىسا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى قىرىم مەسىلىسىنى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى

مەلۇم بولۇشىچە، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى 61-مارتقا بارغاندا ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىم پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدە بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. نەتىجىدە، 10 كۈندىن كېيىن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان رۇسلار موسكۋادىن قىرىمنى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇكرائىنىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسۇنىيوك قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ھەققىدىكى باياناتنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

قىرىم ئاھالىسىنىڭ 58% نى رۇسلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، قىرىم ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدا رۇسلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىگەن.

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىگە قارىغاندا، قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان قىرىم تاتارلىرى ئۇكرائىنا تەۋەسىدە تۇرۇپ ئاپتونومىيە ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قىرىمدىكى نوپۇسى ئاران 250 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، نوپۇس جەھەتتىن 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىنى «تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى» دەپ ئاتىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيىدا دوكلات بەرگەندە «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە داۋاملىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك سۆزلەر بىلەن شەرھلىگەن:
«شىنجاڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى لىنىيىسى، ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. ئۇ ھازىر زوراۋان تېررور ھەرىكەتلىرى جانلىنىۋاتقان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۇرۇش كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە تۇرماقتا.»

كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ۋەقەنى دەرھال تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتىدى. چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «تېررورلۇق» سۆزىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، يەرلىكتىكى ۋەقەلەرنى كۆپتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر كۇنمىڭدىكى ۋەقەگىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

نۇر بەكرى: «ئىلھام توختىنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى

پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇخبىرلارنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە «ئىلھام توختىنىڭ جىنايىتى ھەققىدىكى پاكىتلار ئېنىق، دەلىللەرنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئەسكەرتىپ، «جۇڭگو قانۇن دۆلىتى، بىز ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدىكى قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىمىز» دېگەن.

ھالبۇكى، ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشەلمەي قايتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. لى فاڭپىڭ چارشەنبە كۈنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، سوت دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈرمەي تۇرۇپ، سوت ئېچىش مۇمكىنچىلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيىدا جاڭ چۈنشيەن ۋە نۇر بەكرى قاتارلىق ۋەكىللەر ئىككى سائەت سۆز قىلغان، ئەمما يېقىنقى ۋەقەلەر ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان. مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. نۇر بەكرى كۈنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى سوئاللارغا پەقەت «تېررورلۇق ھېچقانداق مىللەت ۋە دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. تېررورلۇق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە شۇنداقلا جۇڭگودىكى ھەممە مىللەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى » دەپ جاۋاب بەرگەن.