دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنمىڭ ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1-مارت، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىدىكى يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 29 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 140 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
سەيشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى بۇيرۇقى ئۇيغۇرلارنى تومۇر مۇشت بىلەن يانجىش بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.
رابىيە قادىر خانىم يەنە مۇنداق دېدى: بېيجىڭ دائىرىلىرى بىز بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى تەكشۈرىمىز ۋە مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىمىز، دېمىدى.
كۈنمىڭدىكى ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەت ۋە چەكلىمىلەرنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.