rabiye-aliy-kengesh-sozde.jpgئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2011-يىلى ماي، ۋاشىنگتون.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم كانادادا 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن 3-مارت كۈنى كەچتە كاناداغا يېتىپ كەلدى.

بۇ 3 كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بۆلۈمىدىكى خادىملار بىلەن كۆرۈشىدۇ. كانادا پارلامېنتىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقانلار مەسىلىسى، خىتاينىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ شۇنداقلا ئوتتاۋادىكى كارلتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ كانادادا ئېلىپ بارىدىغان 3 كۈنلۈك زىيارەت كۈن تەرتىپى ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، ئۇ يەنە كانادادىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

رابىيە قادىر خانىم ۋە مەھمەت توختى ئەپەندى كاناداغا قاراتقان 3 كۈنلۈك زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.