kunming-weqesi-nanning-uqturush.jpgكۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن ج خ ئىدارىسىنىڭ چىقارغان، ئۇيغۇرلارنى كۆرسە ج خ ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى. 2014-يىلى 2-مارت، نەننىڭ.

دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 1-مارت كۈنى خىتاينىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا ئورۇن ئالغان قانلىق ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان ھەر خىل مەزمۇندىكى ماقالىلەرنىڭ ئورۇن ئېلىشى داۋام قىلماقتا.

مەزكۇر ماقالىلەردە بۇ ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان شەخسلەرنىڭ ئەسلى كىملىكى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەمدە ئۇنىڭدىن زەرداب چەككەنلەرنىڭ سانى، ھەرىكەتنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەققىدە ھەر خىل مەلۇماتلار بېرىلدى. ئاخىرقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە ۋە قازاقىستان رەھبەرلىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نامىغا تەزىيە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار بۇ، «تېررورلۇق ھەرىكەتنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

بەزى ئانالىزچىلار كۇنمىڭ ۋەقەسىنىڭ كېلىپ-چىقىشى سەۋەبلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەقىپلەش سىياسىتى بىلەن باغلاشتۇرماقتا. مەسىلەن، «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار خىتايدا 11-سېنتەبىر ئۇسلۇبىدا تېررورلۇق ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇردى. قوراللىق گۇرۇپپا ئەزالىرى پىچاقلار بىلەن يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلدى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ۋلادىمىر سكوسىريېف ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىنلا خىتايلارغا ئۆچ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پەقەت ئۆتكەن 2013-يىلنىڭ ئۆزىدىلا «تېررورلۇق ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇردى» دېگەن ئەيىب بىلەنلا بىر نەچچە يۈزلىگەن ئادەم ۋەقە ئورۇن ئالغان جايدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، قاماققا ئېلىندى.

رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ مىللىي ھەرىكەتنى كۈچ قوللىنىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى پەقەت تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بېرىش يۆنىلىشىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىر نەچچە قېتىم جاكارلىغان ئىدى. ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قورال كۈچى بىلەن بېسىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش مەسىلىلىرىنى قاراشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.