خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چېن گاڭ 4-مارت سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋەقە ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، «خىتاينىڭ كۈنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ئوبرازى ياۋۇزلاشتۇرۇلماسلىقى، ئۇيغۇرلار دۆلەتنىڭ دۈشمىنى قىلىپ تەسۋىرلەنمەسلىكى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى.
خىتاي باياناتچىسى چېن گاڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «رابىيە قادىر كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى مەقسەتلىك ھالدا مىللەت بىلەن باغلاشقا ئۇرۇندى. بۇ ئۇنىڭ مەلۇم سىياسىي مۇدداسىنى ئىپادىلەيدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دېگەن.