erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

د ئۇ ق جىددىي يىغىن چاقىرىپ ئۇچتۇرپان ۋەقەسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى

ئاقسۇ ئۇچتۇرپان قانلىق توقۇنۇشىدا 11 ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، ۋەقەنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋەزىيەت ۋە بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

16-فېۋرال كۈنى كەچتە چاقىرىلغان بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە يېقىدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە جىددىي تەدبىرى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىمىز، بىز نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيمىز؟ دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، بىر يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىشىمىز كېرەك.

تېلېفون يىغىندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرىنى خەلقئارا سوتقا بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنى سوتقا بېرىش قاتارلىق قارارلار ماقۇللاندى.

مۇھەممەتسىدىق تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئاي ئۆتكەندە ئۇ توغرىلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى

«ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى مۇھەممەتسىدىق تۇتقۇن قىلىنىپ توپ-توغرا 6 ئاي تولغاندا ئۇ توغرىلىق بىر قىسىم ئەھۋاللار ئاشكارا بولدى.

ئۇنىڭ كانادادىكى بىر قورساق ئاكىسى ئۆمەرجان بۆرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان ۋە ئۆز ئالدىغا بوغالتىرلىق شىركىتى ئېچىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر كارخانىچىلارغا ياردەم قىلغان.

ئۆمەرجان ئۇكىسى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكام، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە دىليار ئوبۇللار بىلەن بىرلىشىپ «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نى قۇرغىچە بولغان ئارىلىقتا خېلىلا تەجرىبىلىك باشقۇرغۇچى بولۇپ يېتىلگەن ئىدى.

ئۆمەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەتسىدىق ھەرقانداق ئىشنى قانۇن ۋە بەلگىلىمە ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سەمىمىي يىگىت ئىكەن.

ئۆمەرجان مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئىككى قىزى تېخى كىچىك، ئۇلارنىڭ دىلى ھەقىقەتەن سۇنۇق، 6 ئايدىن بۇيان دادىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

مۇھەممەتسىدىق ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇست ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئانا تىل تەشەببۇسچىلىرى بىلەن بىرگە تۇتۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى.

كېرىيەگە ياردەم بېرىش دولقۇنى خىتاينىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي داۋام قىلماقتا

ئاپەت رايوندىكى ئاھالىلەر ۋە كېرىيە ۋەزىيىتىنى يېقىندىن بىلىدىغان كىشىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى كېرىيەدىكى ئاپەتنىڭ كۆلىمىنى يوشۇرۇش ۋە ساخاۋەتچىلەرگە ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېرىيەدىكى قېرىنداشلىرىغا بېرىۋاتقان ياردەملىرىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا، ئەمما ساخاۋەتچىلەر بۇ توسقۇنلۇققا پىسەنت قىلماي، ياردەم ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كېرىيە ناھىيىسىدە 12-فېۋرال 7.3 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدىكى ئۇيغۇرلار جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كېرىيەدىكى ئاپەت ئاممىسىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى قوزغالغان ئىدى.

ئۆركەش دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

16-فېۋرال، 1989-يىلدىكى «تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ يېتەكچىسى ئۆركەش دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى «گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي سىياسىتىنى قايتا ئويلىنىشى كېرەك، ھازىر خىتاي كومپارتىيەسى مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كەلدى.

ئۆركەش دۆلەت يەنە 14-فېۋرال ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق ۋەقەلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

نىياز قاھار تۇتۇلغاندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە پاراكەندىچىلىك سالغان

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى، «ئالتۇن تارىم» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى نىياز قاھار تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچى ئورگانلىرى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە پاراكەندىچىلىك سالغان.

ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمخان مۇنداق دېدى: قۇمۇل ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن بىر پىكاپ بىزنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ئۆيىمىزگە ئىزدەپ چىقىپتۇ. ئۇلار ئوغلۇمنىڭ دادىسىغا بىرمۇنچە تەھدىت سېلىپ، كېسەل ھالەتتە ياتقان كىشىنى قورقۇتۇپ تاشلاپتۇ.

مەريەمخان ئانىمۇ خىتاي ساقچىلىرى بىلەن زاكونلىشىپ، ئەگەر ساقچىلار ئائىلىسىدىكىلەرگە يەنە تەھدىت سالىدىغان ئىش بولسا، ئۆزىنىڭمۇ بوش كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

نىياز قاھار 2009-يىلدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن تۇتۇپ كېتىپ، مەخپىي سوت بىلەن 13 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ نۆۋەتتە شىخۇ تۈرمىسىدە قاماقلىق.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلدى

16-فېۋرال ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلھام توختى ھەققىدە دوكلات بېرىلگەن. پائالىيەتنى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەتشۇناس ئېللىئوت ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان.

پائالىيەتتە ئىلھام توختىنىڭ مەزكۇر مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر دادىسى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى ئوقۇغان.

جەۋھەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ نۇقتىلىق ھالدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى دادىسىغا ئارتقان «بۆلگۈنچىلىك» تۆھمىتىگە رەددىيە بەرگەن.

ئىلھام توختى بۇ يىل 15-فېۋرال بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. شۇندىن بۇيان ئۇنىڭدىن خەۋەر بولمىغان ئىدى.