yawrupa-ishliri-ministiri-mewlut-chawushoghlu.jpgياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2014-يىلى فېۋرال، تۈركىيە.

د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيا مىقياسىدا، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى.

تۈركىيە بولسا 60 يىلدىن بېرى ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش بىر دۆلەت. گەرچە تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولالمىغان بولسىمۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ياۋروپادىكى نۇرغۇن تەشكىلاتلارغا ئەزا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە 4 مىليون ئەتراپىدا تۈرك ياشىماقتا. شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇنداقلا مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك بىلەن د ئۇ ق نىڭ مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى تۈركىيە ياۋروپا مىنىستىرلىقى مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان ئۇچرىشىشنىڭ ئاخىرىدا، ۋەكىللەر ئۇنىڭدىن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىگە ياردەم قولىنى ئۇزىتىشنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيە ياۋروپا مىنىستىرلىقى مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇلارغا يول كۆرسەتتى.