2014.02.06

خەلقئارا رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى چارشەنبە كۈنى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار باياناتىدا غۇلجا ۋەقەسى بولۇپ ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە غۇلجا ۋەقەسىدە يوقاپ كەتلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى باياناتىدا، نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇلار 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭمۇ خاراكتېر جەھەتتىن غۇلجا ۋەقەسىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ھەر ئىككى ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلىگەن ياشلارنى ئوققا تۇتتى، تۇتقۇن قىلدى. ۋەقەلەردە نۇرغۇن ياشلار ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى» دېگەن. رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

مەركىزى نورۋېگىيەدىكى رافتو فوندى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى. ئۇلار 2004-يىلى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلىگەن ئىدى.