Rabiye-xanim-Ulke-TV.jpgد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر

تۈركىيە «ئۈلكە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا، پروگرامما رىياسەتچىسى سادىق يەلسىز ئۇچانلار ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم نەق مەيداندىن تارقىتىلىۋاتقان «ئوچۇق دېڭىز» پروگراممىسىنىڭ بۇ ھەپتىلىك قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلدى.

سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىلىۋاتقان بۇ پروگراممىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سىكايپى تېلېكامېراسى ئارقىلىق قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم، 2013-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كوپ كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقى، تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان ئۇيغۇر دىيارىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ يوقىلىشىنىڭ تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ يوقىلىشى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكى، شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پروگراممىغا يەنە ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈم ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ، جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا توختالدى ۋە رىياسەتچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدىغانلىقى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسىدىن چىقىپ خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغانلىرى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئۈلكە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئىككى سائەت داۋام قىلغان بۇ پروگراممىدا دوكتور ئەركىن ئەمەت رىياسەتچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ ، 2013 – يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا 11 چوڭ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى.

دوكتور ئەركىن ئەمەت سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ دىن، تىل، مەدەنىيەت ئۆرپ – ئادەت ۋە مىللىي مائارىپ ساھەلەردە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم بولسا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتە ئىستراتېگىيىلىك بىر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئۈچتە بىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەمەت، تۈرك ئاخباراتلىرىدا شىنجاڭ، سىنجان، سىنكياڭ دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارنى تىلغا ئېلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەسلى نامىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ خەلقئارادا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، كېلەچەكتە بەلكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر ئىستراتېگىيىلىك مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بارلىقى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلە بولۇپ سەھنىگە چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي يۈكسەلگەنسېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ، چۈنكى تارىخقا قارايدىغان بولساق، كۈچلىنىپ ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق بىر كۈچ، باشقا كۈچلەر تەرىپىدىن يوقىتىلىشقا ئۇچرىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلىنىۋاتقان خىتاينىڭ مەسىلىلىرى چوقۇم باشقا كۈچلەر تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلىدۇ، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، كېلەچەكتە بەلكى ئىستراتېگىيىلىك بىر مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.