erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم قىرغىزىستان مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىنى تەنقىد قىلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قىرغىزىستان مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ قىرغىزىستان چېگراسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىنى تەنقىد قىلدى.

قىرغىزىستان چېگرا ئامانلىق كۈچلىرى 23‏-يانۋار ئىسسىق كۆل چېگرا رايونىدا چېگرادىن قېچىپ ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغان.

27‏-يانۋار قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى توقان مامىتوف ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، دائىرىلەرنىڭ قىرغىزىستان دۆلەت چېگراسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى توغرا، دېگەن.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى توقان مامىتوفنىڭ ئالىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، قىرغىزىستاننى ب د ت ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئورگانلارغا ئەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە يەنە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى خىتايغا ماسلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ ئامېرىكا ۋە ب د ت نى قىرغىزىستاننىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

ئىلھام توختى ئۈچۈن ئىمزا قويغانلار دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئارتقان تۆھمەتلىرىنى ئەيىبلىدى

بېيجىڭدىكى ئاتاقلىق خىتاي يازغۇچى ۋاڭ لىشۇڭ قاتارلىقلار ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلانغان. ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغۇچىلار ئارىسىدا خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بار.

30-يانۋار پەيشەنبە كۈنىگىچە ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغانلار سانى 1707 نەپەرگە يەتكەن.

خەتكە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىلھام توختىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا تۆھمەت ئارتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىممۇ دائىرىلەرنىڭ ئېرىگە تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى 15-يانۋار تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان ئۇنىڭدىن ئۇچۇر بولمىغان.

بۇ ھەپتە چېگراسىز مۇخبىرىلا تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنىڭ قەشقەرگە قايتۇرۇلۇپ قايتا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

تۈرمىدىكى مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق ئەدلىيە ئورۇنلىرىدىن قەشقەرگە قايتۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۇتۇپ كېتىلگەن 5 ئايدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.

ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەرگە قەدەر سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئابدۇۋەلىنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقىنى بىلەلمىگەن.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇۋەلىنىڭ جىيەنى مىرشاتنىڭ بايان قىلىشىچە، 19-يانۋار ئابدۇۋەلىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇكىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن.

ئۇ، ئابدۇۋەلىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ يېقىندا قەشقەرگە قايتۇرۇلۇپ قايتا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشكەن.

مىرشاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇۋەلىنىڭ چوڭ ئاكىسى شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ ئابدۇۋەلى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن.

توقسۇ زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى ئىككى ئايال گۇمانداردىن بىرىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى

توقسۇ زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى ئىككى ئايال گۇمانداردىن بىرىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەگە چېتىلغان بۇ ئايال گۇماندارنىڭ ئىسمىنى مارىگۈل ئىسمائىل. بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن مارىلگۇل توقسۇنىڭ ئىچېرىق يېزىسىدىن بولۇپ، ئىلگىرى كىيىم تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان.

24-يانۋار ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋەقەگە 17 كىشى چېتىلغان. گۇماندارلاردىن دىن 6 كىشى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان، 6 كىشى پارتلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغان، قالغان 5 كىشى قولغا ئېلىنغان.

ھالبۇكى، مارىگۈل ئىسمائىلنىڭ ئېتىۋېتىلگەن، ياكى تېرىك تۇتۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ھۆكۈمەت ئاخباراتى ئۇيغۇر ئېلىدە تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى چارشەنبە كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ ئۆلچەملىك قورالى يوقلۇقى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ تەسلىشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

باش ماقالە خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» باشقۇرۇشىدىكى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە 29-يانۋار ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھازىغا كەلگۈچە شىنجاڭدىكى تېررورچىلار ئۆلچەملىك قوراللار بىلەن قوراللىنالمىدى.

باش ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «تېررورلۇق ھۇجۇملىرى» نىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئەمما ھۇجۇمچىلاردا ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىشىش كەمچىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق چىقىرالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئىشەنچنى يوقاتماسلىققا چاقىرىلىپ، «شىنجاڭدا مۇتلەق مۇقىملىق بەرپا قىلىش بارغانچە قېيىن بولۇۋاتقان» بولسىمۇ، بۇ يەردىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

چېخلىق ئۇيغۇرشۇناس: «مەن ئۆز تەتقىقاتىم ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ سەزگۈر بىر دەۋرنى تاللىۋالدىم!»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان چەتئەللىك ئالىملار بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۇلارنىڭ بىرى چېخلىق ئۇيغۇرشۇناس ئوندرېي كلىمېس تۇر.

ئۇ، 2013-يىلى«1880-يىللاردىن 1940-يىللارغىچە بولغان دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دۆلەتچىلىك ئېڭى ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەمگىكى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

دوكتور ئوندرېي كلىمېس راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇيغۇر ئېلى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىنتايىن مۇھىم جاي. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن سەزگۈر رايون. جۇڭگودا بولغان ھەرقانداق بىر مەسىلە شىنجاڭدىمۇ مەۋجۇت، ئەمما شىنجاڭدا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنى جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىن بايقىغىلى بولمايدۇ.»